خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-سېنتەبىر نىيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا 70-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىلىشىشىگە قاتناشتى ۋە «قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 28-سېنتەبىر نىيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا 70-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىلىشىشىگە قاتناشتى ۋە «قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، بىر نىيەتتە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچ، تەرەققىي قىلغان، ئادىل، ھەققانىي، دېموكراتىك، ئەركىن بولۇش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق قىممىتى شۇنداقلا ب د ت نىڭ يۈكسەك نىشانى. بۈگۈنكى دۇنيادا ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر-بىرىگە بېقىنىپ، خۇشاللىقتىمۇ، قايغۇدىمۇ بىللە بولۇۋاتىدۇ، بىز چوقۇم ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىشنى يادرو قىلغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ پۈتۈن مەيداندىكى كىشىلەرنىڭ تەقەززالىقى ۋە قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:25تە ب د ت نىڭ لېكسىيە مۇنبىرىگە چىقىپ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 70 يىل بۇرۇن ئەجدادلىرىمىز قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يىراقنى كۆرەرلىكى بىلەن ب د ت دىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي، ۋەكىللىك، نوپۇزلۇق خەلقئارا تەشكىلاتنى قۇرۇپ، ھەر تەرەپنىڭ ئەقلىنى مۇجەسسەملەپ، ب د ت نىزامنامىسىنى تۈزۈپ، ھازىرقى زامان خەلقئارا تەرتىپنىڭ ئۇلىنى سېلىپ، ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋىتىنىڭ تۈپ مىزانىنى بېكىتتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى