- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2-ئومۇمىيىغىنى ئېچىلدى
2015.09.28 17:28 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىستېمالچىلار ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2-ئومۇمىيىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ يىل 6-ئايدىن 9-ئايغىچە، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تيەنجىن، جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، يۈننەن، خەينەن، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا تەكشۈردى ھەمدە خېبېي قاتارلىق ئون ئۆلكە-رايوننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ ئىزچىل ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى ھاۋالە قىلدى. بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە تەييارلىق پۇختا، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك بولدى. تەكشۈرۈشتە ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ سەمىمىيلىكنى قوغداش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشتە ئىجابىي رول ئوينىغانلىقى، ئەمما ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقى بايقالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر