باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركەزنىڭ بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغان 6 تىپىك مەسىلە توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

2015.09.28 17:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغان 6 تىپىك مەسىلە توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بۇ ئالتە مەسىلە تۆۋەندىكىچە : تيەنجىن شەھىرى لىنگاڭ پورتى ئىقتىسادىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى ، مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى، ئىشخانا مۇدىرى شى لىنىڭ يەنە بىر قېتىم مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى ؛ خۇنەن ئۆلكىسى يۇڭجۇ شەھىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن كۈتۈۋېلىپ، ئادەم ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق مەسىلىسى ؛ سودا مىنىستىرلىقى تاشقى مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ شېنياڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، گولف توپ ئويناش، خۇسۇسىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىش قاتارلىق مەسىلىلىرى؛ جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇلۇش ماسلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاڭ چاۋمېينىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش مەسىلىسى ؛ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت - تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، ئىدارە باشلىقى چېن خۇڭچى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى ؛ گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گۇاڭيىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ توي زىياپىتى ئۆتكۈزگەنلىك مەسىلىسى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى ، كادىرلار ئىستىلنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، « تۆت ناتوغرا ئىستىل » نى تۈزىتىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ ، تاۋۇز چاغىنى ، دۆلەت بايرىمىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، بايرام مەزگىلىدىكى تۈرلۈك ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر