باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە مەكتەپلەردە «ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئوقۇشلۇقنى تارقاتتى

2015.09.28 17:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە يېقىندىن بۇيان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ «ھەربىيلەردىن ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسىگە ئالاقىدار قوشۇمچە تارىخ دەرسىلىكى ئوقۇشلۇقىنى تارقىتىشقا باشلىدى. كورىيە ئاياللار، ئائىلە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى كىم جىتىڭ : بۇ كورىيە ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ تارىخنى چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توغرا تارىخ قارىشى تىكلىشىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ، دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە ئارمىيسىنىڭ «ھال سورىغۇچى ئاياللار مەسىلىسى» ھەرگىز ئۆتكەن زامان بولماستىن، ھازىرقى جەمئىيەتتىمۇ يەنىلا ئاياللار ئۇرۇش مەزگىللىرىدە جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالماقتا. ئۇ يەنە «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسى ئوقۇتۇش ماتېرىيالى ئارقىلىق كورىيەدىكى ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تىنچلىق بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قىممەتلىكلىكىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تارىخىي تىراگىدىيەنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىشنى ئۈمىد قىلدى.

  كورىيەنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە 1910-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە چاۋشەن يېرىم ئارىلىغا مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى قىلغان مەزگىلدە، 80 مىڭدىن 160 مىڭغىچە چاۋشيەنلىك ئايال ياپونىيە ئارمىيىسىدىن ھال سورىغۇچى ئايال قىلىنغان. كىم جىتىڭ مۇنداق دېدى: كورىيە ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى 3-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا «ھال سورىغۇچى ئاياللار»غا ئالاقىدار ماتىرىياللارنى «دۇنيا خاتىرە مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر