خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-سېنتەبىر ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر توغرا يولدا مېڭىپ تەرەققىي قىلىشنى تەكىتلىدى. ئىككى تەرەپ تىرىشىپ جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ئورنىتىشنى ماقۇللىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 36 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نۇرغۇن بوران-چاپقۇننى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، لېكىن باشتىن-ئاخىر ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، تارىخىي خاراكتېرلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتى. زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن 2013-يىلى 6-ئايدا ئاننېنبېرگ قورۇقىدا ئۇچراشقاندا، تىرىشىپ جۇڭگو-ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىگە نۇرغۇن بەخت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق يېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ، رايون، دۇنيا قاتلىمىنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىختىلاپ ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى ئىجادىي ئۇسۇلدا باشقۇرۇپ كونترول قىلىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يولدا مېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ كېيىنكى باسقۇچلۇق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئالتە تەكلىپ بەردى. بىرىنچى، يۇقىرى قاتلام ۋە ھەر دەرىجىنىڭ زىچ ئالاقىسىنى ساقلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد سۆھبىتى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يۇقىرى قاتلام كېڭىشىشى، جۇڭگو-ئامېرىكا سودا بىرلەشمە كومىتېتىنىڭ يىغىنى قاتارلىق مۇھىم سۆھبەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يۇقىرى قاتلام ئىستراتېگىيە ئالاقىسىنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئىقتىساد-سودا، ئارمىيە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى چىڭىتىپ قوللاش كېرەك. تۆتىنچى، ئىككى تەرەپنىڭ تارىخىي، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پەرقنى ئۆز ئارا ھۆرمەتلەپ، ئۇنى ئۆز ئارا ئۈلگە ئېلىش ۋە ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، ياۋروپا-ئاسىيا رايونىنىڭ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئالتىنچى، ھەر قايسى رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەزمۇنىنى تولۇقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ جامائەت مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى