باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پېڭ لىيۈەن مېيىپلار ئاساسى تېما قىلىنغان پوچتا ماركىسى خاتىرە نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2015.09.29 11:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 27-سېنتەبىر چۇشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن مېيىپلار ئاساس تېما قىلىنغان پوچتا ماركىسىنى تۇنجى قېتىم تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، پىڭ لىيۇەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىموننىڭ رەپىقىسى بىلەن بىرگە خاتىرە ماركىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

  پېڭ لىيۈەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە جۇڭگودىكى مېيىپلار ئاساسى تېما قىلىنغان پوچتا خاتىرە ماركىسىنى تارقىتىشى، جۇڭگو بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مېيىپلار ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە پۈتكۈل جەمئىيىتى مېيىپلارغا كۆڭۈل بىلىدۇ، مېيىپلار ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دېققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بارلىق مېيىپلارنى ئادىل، ھۆرمەتلىك، كۆڭۈل بۆلۈشتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز، مېيىپلارنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى چوڭ ئائىلىمىزدە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، ھۆرمەتكە ئېرىشىدىغان، تۆھپە قوشىدىغان ئەزاغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر