باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالىي شىنجاڭغا يەنە كىرىدۇ

2015.09.29 17:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچىسى لۈ شىنشېڭ مۇنداق دېدى: كۈزدە ياغقان يامغۇرنىڭ كەينىدىنلا سوغۇق بولىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. بۇ يىل سوغۇق ھاۋا شىنجاڭغا ئالدىنقى يىللاردىكىدىن بالدۇرراق كەلدى. موڭغۇلكۈرە، ئالتاي، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا بۇ يىل تۇنجى قېتىم قار ياغدى. شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 28 - سېنتەبىر ھاۋارايىدىن ئالدىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، يەنە بىر قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىمالىي شىنجاڭغا كىرىدىكەن، شامال ۋە قار - يامغۇرلۇق ھاۋارايىدىن شىمالىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى يەنە بەش سېلسىيە گىرادۇس تۆۋەنلەيدىكەن. ئۈرۈمچىدىكىلەر بۈگۈن ئەتىگەنلا تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ھېس قىلىشتى.

  لۈ شىنشېڭ مۇنداق دېدى: سىبىرىيە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىشى تۈپەيلى، 28 - سېنتەبىر كۈندۈزدىن 29 - سېنتەبىر كەچكىچە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرى، تەڭرىتاغ تاغلىق رايونى، قۇمۇلنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە ئاقسۇ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياكى قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدۇ (تاغلىق رايوندا قار ياغىدۇ). ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، تارباغاتاينىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى رايونلار، تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرى، قۇمۇلنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قارا يامغۇر يېغىپ، قار ئارىلاش يامغۇرغا ئايلىنىدۇ (ياكى قارغا ئايلىنىدۇ). تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قېلىن قار ياغىدۇ. يۇقىرىدىكى رايونلاردا 5 ~ 6 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ. شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ شامال ئېغىزلىرىدا 10 بالدىن 11 بالغىچە بوران چىقىدۇ. 13 چاقىرىملىق، 100 چاقىرىملىق شامال رايونلىرىدا 12 بال بوران چىقىدۇ. جايلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا، قۇمۇلنىڭ شىمالىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۈششۈك چۈشىدۇ. 29 - سېنتەبىردىن 30 - سېنتەبىرگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا 4 ~ 5 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن رايونلاردا قۇم ئۇچىدۇ ياكى قۇملۇق بوران چىقىدۇ.

  مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسى مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىم شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياكى قار يېغىپ، ئۈششۈك چۈشۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا كۈزلۈك يىغىمنى تېزلىتىپ، پاختا ۋە ئوچۇقچىلىقتىكى كۆكتات، مېۋە (كەنجى ئۈزۈم) لەرنى تېزدىن يىغىپ، ئاپتاپقا سالىدىغان زىرائەتلەرنى يامغۇردىن ساقلاش، ئىسكىلاتقا ئەكىرىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى، ئېتىز ۋە باغقا ئۈششۈك تېگىشتىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمى، غەربىي قىسمى ۋە تەڭرىتاغنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قار يېغىپ، چارۋىچىلىق ۋە چارۋىلارنىڭ قىشلاققا يۆتكىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چارۋىچىلىق رايونلىرى پادا يوللىرىنىڭ راۋانلىقى ۋە قىشلاققا يۆتكىلىشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چارۋىلارنى ئىسسىق ساقلاش ۋە يەم بېرىش خىزمىتىنى ئالدىن ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛ شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك بوران چىقىدۇ، 30 چاقىرىملىق، 100 چاقىرىملىق شامال رايونلىرىدا بوران تېخىمۇ قاتتىق چىقىپ، تۆمۈريول، تاشيول تىرانسپورتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، پۇقرالارنىڭ قېلىنراق كىيىنىشىنى، سوغۇق تېگىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى، پار شىركەتلىرىنىڭ پار بېرىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق تەڭشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر