باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەت ئەللىك ئالتە مۇتەخەسسىس «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

2015.09.29 17:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2015 - يىللىق چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» بېرىش مۇراسىمى ۋە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش چاي سۆھبىتى 22 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، چەت ئەللىك ئالتە مۇتەخەسسىس «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.

  «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەقدىرلەيدىغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات. ھەر يىلى بىر قېتىم باھالىنىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «تەڭرىتاغ مۇكاپاتى» مېدالى ۋە گۇۋاھنامىسى بېرىدۇ. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 1999 - يىلى تەسىس قىلىنىپ باھالانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 98 چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس بۇ ئالاھىدە شەرەپكە ئېرىشكەن.

  2015 - يىلى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا تەكلىپ قىلغان ئامېرىكا تېببىي ئىلىم مۇتەخەسسىسى ستېۋېن نېمى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى تەكلىپ قىلغان ياپونىيەلىك ئېلېكتىر مۇتەخەسسىسى سۇمىموتو تسۇتومۇ، شىنجاڭ مۇھىت ئاسراش پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەكلىپ قىلغان گېرمانىيە مۇھىت ئاسراش مۇتەخەسسىسى توماس سىتېر، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەكلىپ قىلغان قىرغىزىستانلىق تىلشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى ئىسمايىلوۋا جىرغال، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى چېلىشىش، رۇداۋچە چېلىشىش ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى تەكلىپ قىلغان كورېيەلىك مۇتەخەسسىس يو يۇڭتائې، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى تەكلىپ قىلغان كانادالىق مۇتەخەسسىس لى لەنخەي قاتارلىق ئالتە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس بۇ شەرەپكە ئېرىشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2011 - يىلىدىن ھازىرغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە 261 مۇتەخەسسىس تۈرى شىنجاڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئىدارىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 1455 چەت ئەللىك مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىنغان، چەت ئەلگە چىقىپ تەربىيەلىنىش تۈرى 136 بولۇپ، 2078 كىشى تەربىيەلەنگەن


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر