خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-سېنتەبىر خانىمى پېڭ لىيۈەن بىلەن بىرگە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاقسارايدا ئۇلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغان داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن شۇ كۈنى كەچ سائەت 7:00دە ئاقسارايغا كەلدى، ئوباما خانىمى مىچېل بىلەن ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ باشلىقى ۋە ئۇلارنىڭ خانىمى بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن، زىياپەتكە قاتناشتى ۋە ئىككى تەرەپتىن زىياپەتكە قاتناشقانلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ خانىمى زىياپەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاقساراينىڭ شەرقىي زالىدا ئولتۇردى.
زىياپەت باشلانغاندىن كېيىن ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى. ئوباما سۆزىدە يەنە بىر قېتىم شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئوباما مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئامېرىكا ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە ھەمكارلىقنى ساقلاشقا موھتاج، چۈنكى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇزاق يىللىق دوستلۇقى ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا جۇڭگو خەلقى ئامېرىكىلىق ئۇچقۇچىنى قۇتقۇزغانىدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئاشۇ چاغدىن باشلاپلا ئورنىتىلغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت كىشىلىرىدىن ساياھەت قىلىدىغان، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغانلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىندا ئافرىقىنىڭ ئىبولا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇشىغا تەڭ ياردەم بېرىشى، جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ قول تۇتۇشۇپ يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشىنىڭ تىپىك مىسالى. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تۈۋرۈككە ئايلاندى. بىز كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئارقىلىق جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى