خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ليۇ چىباۋ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كومپارتىيەسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 23-سېنتەبىردىن 27-سېنتەبىرگىچە جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ رۇسىيەگە بېرىپ ئىككى پارتىيەنىڭ خاباروۋسكى شەھىرىدە ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان «ئورتاق غەلىبە قىلغان 70 يىل» تەتقىقات، مۇھاكىمە، بىرلەشمە سەنئەت كېچىلىكى ۋە ئىككى پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلات ۋەكىلى ۋە ئىككى تەرەپ تاراتقۇلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ليۇ چىباۋ رۇسىيە كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- مۇئاۋىن رەئىسى مېللى نىكوۋ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ئىككى پارتىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق شەھىرىدە خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشى ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش بىر قاتار پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى بولۇپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى بىلەن رۇسىيەنىڭ يىراق شەھەر رايونىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش جەريانى، تارىخىي ئەسلىمىسى بۈگۈنكى جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇقىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىغا ئايلاندى. بىز رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمىز. رۇسىيە تەرەپ بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى