باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزغا «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان تەبىرىك تاختىسىنى تەقدىم قىلدى

2015.09.28 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 9-ئاينىڭ25-كۈنى چۈشتە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. يۈ جېڭشېڭ بىلەن جاڭ چۈنشيەن باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىپ بەرگەن تەبرىك تاختىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزغا باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىپ بەرگەن «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان تەبرىك تاختىسى، ئاسايىشلىققا سىمۋول قىلىنغان «ئانار» لۇڭقىسى قاتارلىق خاتىرە بۇيۇملارنى تەقدىم قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاناسنىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ ئاسما گىلەم سوۋغا قىلدى.

  تەبرىك تاختىسى ناھايىتى كۆركەم، سەلتەنەتلىك بولۇپ، ئېگىزلىكى 3.1 مېتىر، كەڭلىكى ئالتە مېتىر، ئوچۇق جۇڭگو قىزىل رېڭى تەگلىك رەڭ قىلىنغان، يۈزىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىپ بەرگەن «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىما سۆزى، ئالتۇن قەغەزگە چۈشۈرۈپ چاپلانغان كەينى تەرىپىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېغىشلىما سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچىدىن ئىبارەت تۆت خىل يېزىقتىكى تەرجىمىسى چۈشۈرۈلگەنىدى. بۇ زور تاختىنىڭ ئىچكى چەمبىرىكىگە قايتما سىزىق، سىرتقى چەمبىرىكىگە سۇ دولقۇنسىمان سىزىق چۈشۈرۈلگەن، قايتما سىزىق ئۈزلۈكسىزلىك، مەڭگۈ خەيرلىك بولۇش مەنىسىگە ئىگە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقى، ئورتاق گۈللىنىشىگە سىمۋول قىلىنغان؛ سۇ دولقۇنىسىمان سىزىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئانا دەرياسى - خۇاڭخې دەرياسى ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى - تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ كەلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر