باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نېمىشقا دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى شىنجاڭغا بېرىشقا ئامراق

2015.09.28 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇنجى قېتىملىق مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يېڭى بۆسۈش ئەمەلگە ئاشتى. ساياھەت كىرىمى 2010-يىلدىكى 30 مىليارد يۈەندىن 2014-يىلدىكى 65 مىليارد 7 مىليۇن يۈەنگە يېتىپ، بىر ھەسسە قاتلاندى؛ 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 2010-يىلدىكى 3تىن ھازىرقى 9غا كۆپەيدى.

  2010-يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، «شىنجاڭنىڭ ئەلچىسى» جاڭ چۇنشيەن كۆپ قېتىم ئاشكارا سورۇنلاردا دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىن شىنجاڭغا ساياھەت قىلىپ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋالدى. 2011-يىلى 10-ئايدا، شىنجاڭنىڭ 8-قېتىملىق پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى چاقىرىلىپ، جاڭ چۇنشيەن ئۆزگىچە بولغان تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە گۈزەل قىياپەت بايلىقىنى ئاساس قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىمكانقەدەر رايون ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىكىلى بولغان دۆلەت دەرىجىلىك، دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت ماركىسى قىلىپ چىقىشقا تىرىشتى.

  دېھقانلار «سودىگەر»گە ئايلاندى
  غۇلجا دولات تېكەس ناھىيەلىك قارادالا يېزىلىق قاراجۈن دېھقانچىلىق كەنتىدىكى ئاددىي بىر چارۋىچى، قاراجۈن ساياھەت مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شوپۇرلۇقتىن خەۋەردار بولغانلىقتىن ئۇ مەنزىرە رايونىدىكى ماشىنا شىركىتىنىڭ شوپۇرىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسىمۇ مەنزىرە رايونىدىكى بىر كىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ يېمەك ـ ئىچمەك سودىسى بىلەن شۇغۇللاندى، بۇ ئائىلىدىكىلەر ساياھەتچىلىكتىن نۇرغۇن كىرىم قىلدى.  

  دۇنيا شەيتانكەرەش مەنزىرە رايونىدا قاشتېشى سودىسى بارغانچە جانلاندى. سۇن يۈچىي شەيتانكەرەش مەنزىرە رايونىنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ئاددىي بىر دېھقان بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا چۆللۈك قاشتېشى تاللاشنى ياخشى كۆرەتتى، ئۇنىڭ بىر يىللىق سودىسى 130 مىڭ يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، ئۇ پەقەتلا مەنزىرە رايونىدىكى قاشتېشى سودىگەرلىرىنىڭ بىرى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر جايلىرىدا ئۆز بايلىق شارائىتلىرىغا ئاساسەن يوشۇرۇن ساياھەت كۈچى زور بولغان ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئىستىراتىگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ قىلىپ ھەمدە تۈرلۈك ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىغا بولغان يۆلەش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئالدىنقى يېرىم يىللىق ساياھەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دېھقان ـ چارۋىچىلار مەھەللە ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى ئارقىلىق ساياھەت بايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى.

  2010-يىلدىن 2014-يىلغىچە، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. 2014-يىلى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە كۈتۈۋېىلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانى 2010-يىلدىكى 31 مىليۇن 440 مىڭ ئادەم قېتىمدىن 2014-يىلدىكى 49 مىليۇن 526 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يەتتى، ساياھەتچىلىك ئومۇمىي كىرىمى 2010-يىلدىكى 30 مىليارد يغەندىن 2014-يىلدىكى 65 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 2010-يىلدىكى 180دىن كۆپرەك 273كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى 2010-يىلدىكى 3 تىن 8 گە كۆپەيدى؛ شىنجاڭدىكى يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا 440قا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا 2010-يىلدىكى 8دىن 15كە يەتتى، ساياھەت كوپىراتىپى 444كە يەتتى.

  غەمخورلۇق ۋە قوللاش
  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ساياھەت كەسپى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى

  بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپى غەمخورلۇق قىلىش ۋو قوللاش ئاستىدا بارغانچە زورايدى.

  2010-يىلدىن بالاپ جاڭ چۇنشيەن شىنجاڭنىڭ «ئوبراز ئەلچىسى» سۈپىتىدە كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن شىنجاڭغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. 2014-يىلى 3-ئايدا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ ئېچىۋېتىش كۈنىدە، جاڭ چۇنشيەن مۇنداق دېدى، «بەزىلەر مەندىن مۇنداق سورايدۇ، ھازىر شىنجاڭغا بارساق بىخەتەرمۇ؟ مەن ئۇلارغا، بىخەتەر، خاتىرجەم بېرىۋېرىڭلار دەيمەن، -دېدى. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كىلىشىنى قارشى ئالىمىز دېگەن سۆزگە يەنە «قىزغىن» دىگەن ئىككى سۆزنىمۇ قۇشۇپ قويۇشىمىز كېرەكبولۇپمۇ 2010-يىلدىن بۇيان، جاڭ چۇنشيەن كۆپ قېتىم :«ئىكولوگىيەلىك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ مۇھىتىنى قوغداش»نى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان.

  2010-يىلى 5-ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 7-نۆۋەتلىك 9-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىندا ساياھەتچىلىك كەسپىي قۇرۇلۇشىدا «قۇرۇلمىلارنى تەڭشەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»نى ئاساسىي تۈۋرۈك كەسىپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2011-يىلىلا، شىنجاڭ 100 مىليۇن يۈەن ساياھەت مەخسۇس تۈرلۈك مەبلىغى ئاجرىتىپ، يىلدا 50 مىليۇن يۈەندىن بەردى، 2013-يىلدىن كېيىن، ھەر يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيەدىن 200 مىليۇن يۈەن ساياھەت مەخسۇس تۈرلۈك مەبلىغى ئاجرىتىلدى.

  2012-يىلى 3-ئايدا، «شىنجاڭ ساياھەت ماددىلىرى» ئىشقا ئاشۇرۇلۇشقا باشلىدى.

  2014-يىلى 4-ئايدا، جاڭ چۇنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى تاپشۇرغان «ئون تۈرلۈك تەدبىر ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوكلاتى»غا قارىتا «قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ساياھەت سۈپىتى»نى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەستىقلىدى.

  ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى، ئادەم سانى بىر قاتلاندى
  ئون يىللىق ساياھەت يېتەكچىلىك تەجرىبىسى بولغان زاھىر تۇرپاندا توغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۆت – بەش يىل بۇرۇن، تۇرپانغا ساياھەتكە كېلىدىغان كىشىلەر ناھايىتى نۇرغۇن ئىدى، يىقىندىن بۇيان تېخىمۇ كۆپىيىپ كەتتى، بىز كۈندە ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋالىمىز، يەنە رۇسىيە، فىرانسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ بار، يېتىشەلمەيلا قالدۇق، دېدى.

  مول بولغان مىللىي مەدەنىيەت بايلىقى، شىنجاڭنى جۇڭگو ساياھەتچىلىك بازىرىدىكى ئەۋزەل مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ، شىنجاڭلىقلارنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچىدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچى سانى 16 مىليۇن ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %16 ئاشقان، دۆلەت ئىچىدىكى ئومۇمىي ئىستېمال 22 مىليارد يۈەنگە يەتكەن؛ چەت دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچى 670 مىڭغا يېتىپ، ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %8 ئاشقان، چېگرىدىن كىرىش ساياھەت ئىستېمالى 200 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر