باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مەككىدىكى دەسسىلىش ۋەقەسىدە 717 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى

ھازىرچە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ تالاپەت دوكلاتى يوق

2015.09.25 17:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 24-سېنتەبىر سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مەككىدە يۈز بەرگەن مۇسۇلمانلار دەسسىلىپ كېتىش ۋەقەسىدە ئاز دېگەندە 717 كىشى قازا قىلىپ، 800 دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگونىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، ھازىرچە جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلارنىڭ تالاپەت ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات يوق ئىكەن.

  سەئۇدىي ئەرەبىستان خەلق مۇداپىئە باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسىنىڭ دېيىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى سائەت 9 ئەتراپىدا زور تۈركۈمدىكى ھەج قىلغۇچىلار مەككىگە نەچچە كېلومېتىر كېلىدىغان مىنا چېدىر شەھىرىدىن پىيادە مېڭىپ، شەيتانلارغا تاش ئېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا ئاز قالغاندا، كىشىلەر توپىدا قىستىلىش ۋە ئىتتىرىشىش يۈز بېرىپ، ئاخىرىدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

  سەئۇدىي ئەرەبىستان سەھىيە ۋەزىرى فالىھنىڭ دېيىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە ۋەقەنىڭ كىشىلەر توپىنىڭ قىستىلىشى ۋە بىر قىسىم ھەج قىلغۇچىلارنىڭ راۋانلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە ئىش كۆرمىگەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقى كۆرسىتىلگەن، ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ناھايىتى تېزلا سىرتقا ئاشكارىلىنىدىكەن.

  بىر ھەج قىلغۇچىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا دېيىشىچە، شۇ چاغدا شەيتانغا تاش ئېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان جايغا ماڭغان ھەج قىلغۇچىلار ئىنتايىل كۆپ بولۇپ، مېڭىپ-مېڭىپ، كىشىلەر تۇيۇقسىز توختاپ قالغان، كەينىدىن يەنە نۇرغۇن كىشىكلەر كەلگەن، بۇ چاغدا ئالدىدىكى كىشىلەر توپىدىن يىغلىغان-توۋلاشقان ئاۋازلار ئاڭلانغان.

  يەنە بىر ھەج قىلغۇچىنىڭ دېيىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن چاغدا بىر قىسىم ياشانغانلار ئالدىدا يىقىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلارغا بەلكىم ئىسسىق ئۆتۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

  سەئۇدىي ئەرەبىستان ھاۋارايى تارماقلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى مەككدە ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتۇرا 45 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەن.ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇرغان سەئۇدىي ئەرەبىستان خەلق مۇداپىئە ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش تارماقلىرى 4000دىن ئارتۇق خادىمنى قۇتقۇزۇشقا قاتناشتۇردى، نۆۋەتتە قازا قىلغانلار ۋە يارىلانغانلار ھەرقايسى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىلدى.

  جۇڭگونىڭ جىددەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا خادىملىرى ۋەقە مەيدانىغا يېتىپ باردى ھەمدە سەئۇدىي ئەرەبىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ جۇڭگولۇق ھەج قىلغۇچىلارنىڭ ۋەقەدىكى تالاپەت ئەھۋالى توغرىلىق تېخى دوكلات تەمىنلىمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

  24-سېنتەبىر پۈتۈن دۇنيادىكى ئىككى مىليوندىن كۆپرەك مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىش پائالىيىتى ئۈچۈنچى كۈنىگە قەدەم قويدى. ھەج پائالىيىتى 26-سېنتەبىر ئاياقلىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىلى كىرگەندىن بۇيان سەئۇدىي ئەرەبىستان كۆپ قېتىم «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە يېقىندا يۈز بەرگەن ئاسما كىران تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈش ۋەقەسى سەۋەبلىك، سەئۇدىي ئەرەبىستان ھۆكۈمېتى بۇ يىلدىكى ھەج پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلدى. تەخمىنەن 100 مىڭ نەپەر ئامانلىق قىسىملىرى خادىمى، ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ۋە 500گە يېقىن ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ھەج قىلىش ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر