باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

نېيتانىياخۇ: سېسىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇراجىئىتىنى قارشى ئالىمىز

2015.09.28 17:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ 27-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار مۇراجىئىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى سىسىنىڭ ئىسرائىلىيە ۋە باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇراجىتىنى قارشى ئالىدۇ، نىتانىياخۇ يەنە بىر قېتىم پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئابباسنى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ قىلىپ، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقىغا تۈرتكە بولۇشنى دەۋەت قىلدى.

  يەنە بىر خەۋەرگە قارىغاندا، سىسى يېقىندا خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىق مۇساپىسىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۈشنى مۇراجىئەت قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش- ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى ياخشىلايدۇ. مەن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقىدىن ئۈمىدۋارمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر