باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى

2015.09.29 11:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى-تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، دۇنيادىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بىلىم، تەجرىبە، سىياسەت، تېخنىكا ۋە بايلىق قاتارلىق تەرەققىيات لايىھەسىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىغان ھەمكارلىق مېخانىزمى.

  بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى جەنۇبى يېرىم شارغا جايلاشقان، شۇڭا كىشىلەر بۇ دۆلەتلەرنى جەنۇبتىكى دۆلەتلەر دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەمكارلىقىمۇ جەنۇپتىكى دۆلەتلەر ھەمكارلىقى دەپ ئاتىلىدۇ.

  تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى باشلانغان. 1955-يىلىدىكى باندۇڭ يىغىنى —تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ بىشارىتى، 1961-يىلى ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى دۇنياغا كەلدى، 1964-يىلى 77 دۆلەت گۇرۇھى قۇرۇلدى، بۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.60 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، جەمئىي 166 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا 400 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى ياردەم بەردى، 600 مىڭدىن ئارتۇق خادىمنى ياردەمگە ئەۋەتتى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقى رامكىسىدا، جۇڭگو تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرىنى تارقىتىش، تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، 120 نەچچە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە ياردەم بەردى، بۇ داۋالاش،مائارىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى قاپلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر