باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە: سۇرىيە چېگرىسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات نىشانلىرىغا تۇنجى قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان

2015.09.28 17:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىككى ھەپتىدىن بۇيان سۇرىيەنى ھاۋادىن رازۋىتكا قىلغاندا ئېرىشكەن ئاخباراتقا قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى شۇ كۈنى سۇرىيە چېگرىسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات نىشانلىرىغا تۇنجى قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان.

  ئاخباراتتا سۇرىيەدىكى قالايمىقان ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، پۇقرالارنى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا تىررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغداش مۇراجىئەت قىلىندى. فىرانسىيە سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ سىياسى ئۆتكۈنچى مۇساپىگە كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدۇ.

  فىرانسىيە مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ، سۇرىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىنى رازۋىتكا قىلىپ، ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىشكە تەييارلىق قىلدى. فىرانىسيە بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىغا ئەگىشىپ سۇرىيەدىكى نىشانلارغا زەربە بېرىشنى ئىزچىل خالىماي كەلگەنىدى. ئەمما مۇساپىرلار مەسىلىسى ۋە تېررورلۇق تەھدىتنىڭ كۈنسېرى يامانلىشىشغا ئەگىشپ، فىرانسىيە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرىنى تەڭشىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر