باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىلىرىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تىرىشىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى

2015.09.28 18:06   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-سېنتەبىر نىيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە «ئورتاق، سىجىل تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىدىغان ھەمراھلاردىن بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-سېنتەبىر نىيۇيوركتىكى ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە «ئورتاق، سىجىل تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق يېڭىدىغان ھەمراھلاردىن بولايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىلىرىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن، ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىيەتچان تەرەققىيات يولىنى ئورتاق ئېچىپ، تىرىشىپ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى، جۇڭگونىڭ 2015-يىلدىن كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى قىلىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق مابەينىدە، ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ نىيۇيوركقا يىغىلىپ، تەرەققىيات چوڭ پىلانىنى ئورتاق مەسلىھەتلەشكەنلىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە نىسبەتەن تەرەققىيات ھاياتلىق ۋە ئۈمىدكە باغلانغان بولۇپ، ئىززەت-ئابرۇي ۋە ھوقۇققا سىمۋول قىلىنغان. دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات يەنىلا ھازىرقى دەۋردىكى ئىككى چوڭ تېما، تىنچلىقنى كۆزلەپ، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش تۈرلۈك يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلارنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …