- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى « دەۋر ئۈلگىسى » لى ۋېنشياڭ ، لى دېڭخەينى ئاشكارا ئېلان قىلدى
2015.09.28 17:29 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 25 - سېنتەبىر مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ، « دەۋر ئۈلگىسى » لى ۋېنشياڭ ، لى دېڭخەيلەرنىڭ ئىلغار ئىش - ئىزلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلدى .
يولداش لى ۋېن شياڭ خېنەن ئۆلكىسى پۇياڭ شەھەرلىك دېھقان ، ئۇ 1947 - يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان ، ئىلگىرى _ كېيىن بولۇپ جىنەن ، خۇەي خې، خەيخې ، دۇجياڭ دەرياسى ۋە پىڭتەن ئارىلى قاتارلىق ئۇرۇشلارغا قاتناشقان. « ئۇرۇش قەھرىمانى »، ئالاھىدە خەلق تۆھپىكارى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن . 1962 - يىلى، ئۇ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلغان ، 50 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى يارىتىپ ، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان .
يولداش لى دېڭخەي دۆلەت كۆممىقوناق قۇرۇلۇشى ( شەندۇڭ ) تېخنىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ، شەندۇڭ دېڭخەي ئۇرۇقچىلىق چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ پەخرىي باش مۇدىرى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان ، ئۇ ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى مەسئۇلىيىتى قىلىپ ، يۇقىرى ھوسۇللۇق كۆممىقوناق سورتىنى يېتىشتۈرۈش ، ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان، يېتىشتۈرگەن كۆممىقوناق يېڭى سورتى ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم دۇنيا يازلىق كۆممىقوناق بىرلىك مەھسۇلاتى بويىچە ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتقان ، تاللاپ يېتىشتۈرگەن كۆممىقوناق ئەلا سورتى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى 110 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرغان ، « جۇڭگو ئىخچام شالغۇت كۆممىقوناق ئاتىسى » ، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى » دېگەندەك ناملارغا ئېرىشكەن .
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر