«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» خەۋىرىدىن ئاساسلانغاندا، ئەمدىلا 33 ياشقا كىرگەن دۇبەي شاھزادىسى شەيخ رەشىد شۇ يەر ۋاقتى 19- سېنتەبىر ئەتىگەندە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى تۇتۇپ قازا قىلغان. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 3 كۈن دۆلەت خاراكتېرلىك ماتەم تۇتۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى،يۈزلىگەن خان جەمەتى ئەزاسى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى زەبېل مەسچىتىدە شاھزادىنىڭ نەزىرىگە قاتناشتى.