خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىلى 21-سېنتەبىر، كەشتىگە سىڭگەن چوڭقۇر مېھىر، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز ــ ئۇيغۇر ئاچا ـ سىڭىلنىڭ كەشتە سوۋغا قىلىپ بېيجىغا كىرىش ھېكايىسى 18-سېنتەبىر، شىنجاڭنىڭ كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقان خانئەيشەم ئەنۋەر بىلەن(ئوڭدا) سىڭلىسى مېھرىگۈل ئەنۋەر كەنتتە كېتىۋاتماقتا.
20-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئىچىلغان «ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ قوينىدا ــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى»دە، بىر كەشتە كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. كەشتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئوبرازى كەشتىلەنگەن بولۇپ، ئالتۇنرەڭ پارتىيە گېربى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، ھەيۋەتلىك تيەنئەنمىن، چوڭ نەقىشلىك تۈۋرۈك، مۇقەددەس تىنچلىق كەپتەرلىرى بىرلىكتە ئالتۇنرەڭلىك «بىر نىيەت بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز»دېگەن خەتنى ئورىۋىلىشقان. بۇ كەشتە ئەسەرنى كۇچا ناھىيەسىدىكى «80-» يىلدىن كىين تۇغۇلغان ئاچا ـ سىڭىللار كەشتىلىگەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى