تيەنجىن شەھىرى چوڭخۇا ئوتتۇرا مەكتىپى 2013-يىللىق شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈش مۇراسىمىدا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىگە جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن مۇئەللىملىرىگە گۈل تۇتماقتا
ئىچكىرىدىكى تۇنجى قارار شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار نېمە قىلىۋاتىدۇ
2010-يىلى مايدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئويغاتتى. بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرىلەردە ئىگىلىك تىكلىگەندىن باشقا، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا قايتىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدى ۋە مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ۋە كەسىپنى ئۆزى تاللاش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ساھە-كەسىپلەرنى تولۇقلىدى.