دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 7- قېتىملىق جۇڭگو – ئامېرىكا سودا سانائەتچىلەر داھىيلىرى ۋە سابىق ئەمەلدارلار سۆزلىشىشىگە قاتناشقان ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-سېنتەبىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 7- قېتىملىق جۇڭگو – ئامېرىكا سودا سانائەتچىلەر داھىيلىرى ۋە سابىق ئەمەلدارلار سۆزلىشىشىگە قاتناشقان ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ماھىيەت جەھەتتە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش مۇناسىۋىتىدۇر. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپ، رايون، دۇنيا قاتلىمى جەھەتتە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، رايون ھەتتا دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىدىغان ۋە ھەمكارلىشالايدىغان ساھەلەرنى تېخىمۇ كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق مەنپەئەت بار، شۇنداقلا ئازراق ئىختىلاپلارمۇ ساقلانماقتا. ئىككى دۆلەت چوڭ ئىشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆزئارا يادرولۇق مەنپەئەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئېتىبار بېرىپ، ئسىتىراتېگىيەلىك خاتا چۈشەنچە، ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئىجابىي ئۇسۇلدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەشكە، ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداشقا بولىدۇ. دۆلىتىمىز ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە
جۇڭگو- ئامېرىكا يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ نىشاننىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى جۇڭگو ۋە ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ بەختى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ كاپالىتى.