خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆت نەپەر ياش گۇاڭدۇڭدىن 14 كىلوگرام كرىستال زەھەرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن، شىئەندە ساتماقچى بولغان. ئەمما شىئەن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى يەنتا تارماق ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىلىرىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قىلىشنى ئۇلار خىيال قىلىپمۇ باقمىغان ئىدى.
بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى يەنتا تارماق ئىدارىسى دۇڭيى يولىدىكى ساقچىخانا ساقچىسى مەلۇم كىشىنىڭ شەھەرگە قارشلىق جايدا كرىستال زەھەر ساتىدىغانلىق ئۇچۇرىغا ئېرىشكەن، ئىككى ئايدەك رەتكە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، 7-سېنتەبىر تۆت نەپەر گۇماندار 14 كىلوگرام كرىستال زەھەر بىلەن قولغا چۈشكەن. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى