خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭگتوننىڭ تولۇق نامى «ۋاشىڭگتون كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونى» بولۇپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمېتى بىۋاستە باشقۇرىدۇ، ھىچقانداق شىتاتقا تەۋە ئەمەس. شەھەرنىڭ ئىسمى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زوڭتوڭى جورج ۋاشىڭگتوننىڭ ئىسمىدىن كەلگەن بولۇپ، فرانسىيەلىك ئېنژىنېر پېئىرل لايىھەلىگەن. ۋاشىڭگتون شەھىرى مارىلان شىتاتى بىلەن ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ چېگرالىنىدىغان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 178 كۋادرات كېلومېتىر كېلىدۇ، ئالاھىدە رايوننىڭ كۆلىمى 6094 كۋادرات كېلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى تەخمىنەن 660 مىڭ. ۋاشىڭگتون ئامېرىكىنىڭ سىياسىي مەركىزى بولۇپ، ئاقساراي، پارلامېنت، ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە كۆپ قىسىم فېدېراتسىيە ھۆكۈمېتى ئورگانلىرى جايلاشقان، يەنە دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ باش شىتابىمۇ ۋاشىڭگتونغا جايلاشقان. 1984-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋاشىڭگتون شەھىرى بىلەن بېيجىڭ شەھىرى دوستانە شەھەرلەر مۇناسىۋىتى ئورناتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى