باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جوڭگو بۈيۈك قامۇسى» (ئۇيغۇرچە نەشىرى)نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

2015.09.23 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن، «جوڭگو بۈيۈك قامۇسى»(ئۇيغۇرچە نەشىرى)نىڭ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان«جوڭگو بۈيۈك قامۇسى» (ئۇيغۇرچە نەشىرى)بولسا خەنزۇچە « جوڭگو بۈيۈك قامۇسى » (2-نەشرى) نىڭ تەرجىمە نۇسخىسى بۇلۇپ، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى«12-بەش يىللىق» نۇقتىلىق نەشر قىلىشنى پىلانلاش ۋە ئاخبارات-نەشرىيات ئىسلاھاتى تەرەققىيات تۈر ئامبىرىغا كىرگۈزۈلگەن نۇقتىلىق نەشىر تۈرى. «جوڭگو بۈيۈك قامۇسى» (ئۇيغۇرچە نەشىرى)يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال قامۇس بۇلۇپ، قامۇستا ئۇيغۇرچە ئۇنىۋېرسال بىلىملەر، سۆز-ئاتالغۇلار قايتىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان بۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت-مائارىپ، پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنى دۇنيا ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ پەن مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭى نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر