باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

جاڭ چۈنشيەن قاتارلىقلار مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2015.09.25 12:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەتەن قوينىدا −− ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كۆرگەزمىسى 21 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنى باشلاپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق دېدى: مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تارىخى، مىننەتدارلىق تارىخى، كۈرەش تارىخى، ئۆزگىرىش تارىخى بولۇپ، بۇ يېڭى تەربىيە ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جايدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، بېيجىڭ كۆرگەزمىسى 20 - سېنتەبىر مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىدە «ۋەتەن قوينىدا» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مۇقەددىمە، «مۇساپە . تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ»، «مۇۋەپپەقىيەتلەر. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ»، «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش. بەختىيار شىنجاڭ»، «تۆھپىكارلار. ئىناق شىنجاڭ»، «نەزەر. ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭ» ۋە خاتىمە قاتارلىق يەتتە چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن.

  مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى شىنجاڭ كۆرگەزمىسىدە، رەقەم، سۈرەت، جەدۋەل، ئىسخېما، مېدىئا قاتارلىق كۆپ خىل كۆرگەزمە ئۇسۇلى قوللىنىلغان، كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىر، كۆرگەزمە لىنىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2700 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، 2000دىن ئارتۇق سۈرەت، 40تىن ئارتۇق جەدۋەل، ئىسخېما، 300دىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم قاتارلىق كۆپ مىقداردىكى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللار كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق كۆرگەزمە ھېسابلىنىدۇ.سۈرەتلەر، بۇيۇملار، مودېللار ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوبرازلىق نامايان قىلىندى. جاڭ چۈنشيەن كۆرگەزمىنى ئىنچىكە كۆرگەچ، تونۇشتۇرغۇچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى.

  «مۇۋەپپەقىيەتلەر. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ» بۆلىكىدە، رەقەملىك كارتون ۋە مەۋھۇم تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، گۇما ناھىيەسى چودا يېزىسى پاكىز توغراق دېھقانچىلىق مەيدانى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسىدا، بۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تەكلىپ قىلىنىپ، «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بويىچە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى، كەنت «ئىككى كومىتېت»، كەنت ساقچىخانىسىنىڭ «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» خىزمىتى مېخانىزمىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇلدى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت كادىرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلاملىرىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، بىز ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاشنى شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانى ۋە ئاساسى قىلىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانىغا ئايلاندۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئالاھىدە بىر دۇربۇن جاڭ چۈنشيەننىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ دۇربۇن رەسىم تونۇش R1 تېخنىكىسى ئارقىلىق يىراقتىكى مەنزىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، تىنچ ھالەتتىكى كۆرۈنۈشنى ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەسۋىرگە ئايلاندۇرىدۇ. جاڭ چۈنشيەن بۇ دۇربۇن ئارقىلىق قاقاس قۇملۇقتىن ئېكولوگىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگىچە ۋە ئاق قۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى كۆردى.ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندا، جاڭ چۈنشيەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋەتەن قوينىدا−ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنىڭ كۆلىمى زور، ھەيۋەتلىك ۋە سەلتەنەتلىك بولۇپتۇ، ئۇ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تارىخى، مىننەتدارلىق تارىخى، كۈرەش تارىخى، ئۆزگىرىش تارىخى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى مۇھىم بىر پائالىيەت. كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى ئېنىق بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دوستلۇقى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، تىرىشساقلا ئۆزگەرتەلەيمىز، دەيدىغان جان تىكىپ كۈرەش قىلىش روھىي قىياپىتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە دۆلەت مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەر، ھەربىي قىسىم، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقى، ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە چوڭقۇر ھېسسىياتى، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق نامايان قىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى تەربىيە ۋاسىتىسىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. كادىرلار ۋە ئاممىنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەپ، تاراتقۇلارنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى تەشۋىق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كۆرگەزمىنىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى تەسىرىنى قوزغاپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەكلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، «ۋەتەننى - شىنجاڭنى سۆيۈش، ئىتتىپاق ئۆتۈش - تۆھپە قوشۇش، تىرىشىپ ئىشلەش - ئۆزئارا ياردەملىشىش، ئېچىۋېتىش - ئىلگىرىلەش» تەك شىنجاڭ روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىشەنچىسى ۋە تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىنى نامايان قىلىش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى بازىسى رەھبەرلىرى كۆرگەزمىنى بىللە ئېكسكۇرسىيە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر