باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

[شانلىق 60 يىل] ئۈلگىلىك كەنتتىكى شاد كۈلكە

− پارتىيە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭ دېھقانلىرىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلغانلىقى توغرىسىدا

2015.09.25 17:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داشى كەنتىدىكى مىللىي ئۆرپ- ئادەت كوچىسىدىن كۆرۈنۈش

  2015- يىلى 9- سېنتەبىر، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىدە تۇنجى نۆۋەتلىك «مول ھوسۇل بايرىمى» ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە تەرەققىياتتىكى ئۈلگىلىك كەنت ھېسابلىنىدىغان داشى كەنتىدە بۇنداق پائالىيەتلەر ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ، خەلقنىڭ پاراۋان، زامانىۋى تۇرمۇشتىن ئېرىشكەن خۇشاللىقلىرى ئەلگە نامايان قىلىنىپ تۇرسىمۇ، «9- سېنتەبىر» دېگەن بۇ كۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ قالدى. چۈنكى، بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 2014- يىل 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ داشى كەنتىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى ئالەمچە شادلاندۇرغان ۋە ھاياجانغا سالغان، پارتىيە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مەدەت- ئىلھاملىرى، سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە قېرىنداشلارچە مېھىر- مۇھەببىتى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بۇ كەنتتە يەنە بىر قېتىم ئىناقلىق ۋە تەرەققىيات «مارشى» ياڭرىغانىدى...

  2009- يىلى 17- ئىيۇن، داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ئادەتتىكىدىن سەھەر ئورنىدىن تۇردى ۋە ئالدىراش ناشتا قىلىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا قاراپ ماڭدى. 1963- يىلىدىن بۇيان كەنت خىزمىتىنى ئىشلەپ، مەركەزدىن يەرلىككىچە كەلگەن تەكشۈرۈش، باھالاش ئەترەتلىرىنى كۈتكەن، خىزمەت ۋە «ساھىبخان»لىق جەھەتتىكى سىناقلاردىن بىمالال ئۆتكەن بۇ پېشقەدەم رەھبەر بۈگۈن نېمىشقىدۇر سەل جىددىيلىشىپ قېلىۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ تەييارلىقلارنى جاي- جايىدا قىلىپ، ئوبلاست ۋە ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن بۈگۈنكى ئەزىز «مېھمان»نىڭ كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتى. ئەتىگەن سائەت 8 لەردە، ئاپتونوم رايونىمىزغا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن، ئەينى چاغدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايون ۋە ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا داشى كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىغا كىرىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ساۋۇر مەڭلىك باشچىلىقىدىكى كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن كەنتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ۋە كەنتنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى تەپسىلىي سورىدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى بولۇپ كېلىۋاتقان ساۋۇر مەڭلىك كەنتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا باغلاپ، كەنت پارتىيە تەشكىلىنىڭ يېتەكچىلىك، جەڭگىۋارلىق رولىنى قانداق جارى قىلدۇرغانلىقى، كەنتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى بېيشقا قانداق يېتەكلىگەنلىكى، كەنت كادىرلىرى، بولۇپمۇ پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىغا قانداق باشلامچى بولغانلىقى... قاتارلىقلارنى تەپسىلىي دوكلات قىلدى. مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ ساۋۇر مەڭلىكنىڭ «زاغرا تىل» ئارىلاشقان چۈشىنىشلىك، قايىل قىلارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلىغانسىرى، بۇ پېشقەدەم كەنت شۇجىسىنىڭ ھەقىقەتەن ئىسمى- جىسمىغا لايىق «چاكار» ھەم «باشلامچى» ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. شى جىنپىڭ شۇ كۈنى چۈشتە ساۋۇر مەڭلىكنىڭ ھويلىسىدىكى تال باراڭنىڭ ئاستىدا داشى كەنتىدىكى كادىرلار، ئامما ۋە دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلاشقاچ، بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ چۈشلۈك تاماق يېدى ۋە داشى كەنتنىڭ خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى، كەنتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلىدى. تال باراڭ ئاستىدىكى ئىللىق كەيىپىياتقا تولغان بۇ سۆھبەت داشى خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ئۇنتۇلماس كارتىنىغا ئايلاندى.

  ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى. داشى كەنتىدە يەنە نۇرغۇن ئۆزگىرىش، يۈكسىلىش بولدى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ نۇرغۇن ئىلگىرىلەش، ئۆرلەش بولدى. داشى كەنتىدىكى تۇرمۇش ئەنە شۇنداق جىددىي ۋە قاينام- تاشقىنلىقتا ئۆتۈۋاتقان كۈنلەردە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەلدى. بۇ 2014- يىلى 4- ئاي مەزگىلى ئىدى. ئۇ شۇ كۈنلەردە ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ مەلۇم بىر يىغىنىدا: «بەش يىل ئىلگىرى، ساۋۇر مەڭلىك ئىسىملىك بىر كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىنىڭ ‹يانچۇق توم بولسا، كەيپىياتمۇ ياخشى بولىدۇ› دېگەن سۆزى ماڭا بەك تەسىر قىلغانىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ ماس كەلگۈدەك» دەپ، ساۋۇر مەڭلىك ۋە داشى كەنتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. بۇ گەپ قۇلاقتىن- قۇلاققا يېتىپ، داشى كەنتىگە كەلگەندە، خەلق ئولتۇرالمايلا قالدى.

  − باش شۇجىنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشى شۇنچە كۆپ تۇرۇپمۇ، بەش يىلدىن بۇيان كەنتىمىزنى، ساۋۇر شۇجىنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ.

  − يەنە تېخى چوڭ يىغىندا ساۋۇر شۇجىنىڭ سۆزىنى مىسال قىلىپ، ئۇنى ماختاپتۇ.

  − قارىغاندا، بىز داشى كەنتىمىز باش شۇجىدا خېلى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇپتۇق جۇمۇ.

  − توغرا، بىز بۇنىڭدىن خۇش بولساق، پەخىرلەنسەك بولىدۇ...

  شۇ كۈنلەردە، مەھەللە- كويلاردا بولۇنۇۋاتقان بۇ پاراڭلارغا قۇلاق سېلىپ يۈرگەن تەجرىبىلىك شۇجى ساۋۇر مەڭلىكنىڭ كاللىسىدا باشقا بىر خىيال «پىشىپ» يېتىلمەكتە ئىدى. «مەملىكىتىمىزدە داشىغا ئوخشاش كەنت ۋە ماڭا ئوخشاش ئاساسىي قاتلام شۇجىسى شۇنچە كۆپ تۇرۇپمۇ، باش شۇجى بەش يىلدىن بۇيان بىزنى ئۇنتۇپ قالماپتۇ. ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە مېھىر- مۇھەببىتى ھەقىقەتەن چوڭقۇركەن. ئۇ بىزگە شۇنچە كۆڭۈل بۆلۈۋاتسا، بىز قاراپ تۇرساق قانداق بولىدۇ؟ ئەڭ ياخشىسى، باش شۇجىغا كەنتىمىزنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىنى دوكلات قىلايلى. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى يەنىلا كونا ئۇسۇل بويىچە خەت يېزىش»...

  2014- يىلى 22- ماي، ساۋۇر مەڭلىكنىڭ تال باراڭلىق ھويلىسى يەنە بىر قېتىم قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. كەنتتىكى «كەنت كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يازغۇدەك» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان 100دىن ئارتۇق دېھقان ساۋۇر مەڭلىكنىڭ كەڭرى ھويلىسىغا جەم بولۇپ، بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ دۆلەت داھىيسى بىلەن بولغان 3- قېتىملىق خەت- ئالاقىسىگە، مۇنداقچە ئېيتقاندا، داشى خەلقنىڭ داھىيلار بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان مېھىر- مۇھەببەتلىك كۆڭۈل رىشتىسىگە شاھىت بولۇشتى. ئۇلارنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە تۇرۇپتۇ. 2003- يىلى 7- ئايدا داشى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ پەن- تېخنىكىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىتتىپاق باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇھەممەد ساۋۇر «جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ‹4- ماي› ياشلار مېدالى»غا ئېرىشكۈچىلەر قاتارىدا شۇ چاغدىكى دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نەمۇنىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەنتتىكى ياشلارنى بېيىش يولىغا يېتەكلىگەن. نەتىجىدە، تۇرمۇشى ياخشىلانغان دېھقان ياشلار 2005- يىلى 4- ئايدا، مۇھەممەد ساۋۇر باشچىلىقىدا رەئىس خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىپ، كەنتتىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلغان. شۇ يىلى 4- ئىيۇل رەئىس خۇ جىنتاۋ داشى كەنتىدىكى ياشلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇرغان؛ رەئىس خۇ جىنتاۋ 2008- يىلى 9- ئىيۇن داشى كەنتىدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆزىگە يازغان خېتىگە يەنە بىر قېتىم جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇلارنى باشلامچىلىق بىلەن مەدەنىي يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغداپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش، ئېلىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىنى مۇستەھكلەش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا چاقىرغانىدى. دېمەك، داشىدىن ئىبارەت بۇ بەرىكەتلىك زېمىندا پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق، داھىيلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدىكى قەلبداشلىق ۋە سەمىمىي ئالاقە بىر خىل ئەنئەنە سۈپىتىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتاتتى. شۇڭا، بۈگۈنكى باش شۇجى شى جىنپىڭغا يېزىلىدىغان خەتمۇ ساۋۇر مەڭلىكنىڭ قەلەم تەۋرىتىشى، نەق مەيداندىكى دېھقانلارنىڭ ماقۇللىشى بىلەن تېزلا پۈتتى. داشى كەنتىنىڭ بەش يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر، كەنتتىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان چەكسىز مىننەتدارلىقى، باش شۇجىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشى مۇجەسسەملەنگەن سالام خەت شۇ كۈنىلا پوچتا ئارقىلىق پايتەختكە ئەۋەتىلدى. ئەمما، ئۇلار «خېتىمىز باش شۇجىغا تېگەرمۇ، بىزگە جاۋاب يازارمۇ» دېگەن ئەندىشىدىنمۇ خالىي بولالمىدى.

  ئالتۇن كۈز سېخىي ئالقانلىرىنى كەڭرى يېيىپ، داشى خەلقىنى مول ھوسۇل پەسلىگە باشلاپ كىردى. مول ھوسۇل دېمەك خۇشاللىق، خۇش خەۋەر دېمەكتۇر. 2014- يىلى 16- سېنتەبىر ئەتىگەندە، داشى كەنتىدىكى كادىرلار، ئامما ۋە شىڭپىڭ يېزىسىدىكى باشقا كەنتلەردىن كەلگەن 2000دەك ئامما كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھويلىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسىغا يىغىلىپ، بىر كاتتا خۇش خەۋەردىن − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىن ۋاقىپلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خەن يۇڭ نەق مەيدانغا كېلىپ، ئۇلارغا بۇ خەتنى يەتكۈزدى:

  ياچېيكا شۇجىسى ساۋۇر مەڭلىك ۋە داشى كەنتى ئاھالىلىرى:

  يازغان خېتىڭلارنى كۆرۈپ ناھايىتى سۆيۈندۈم. بەش يىل ئىلگىرى كەنتىڭلارغا كېلىپ، يۇرتداشلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتلەشكەنلىكىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. كۆپچىلىكنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇردۇم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكلىشىدە كەنتىڭلاردا يەنە نۇرغۇن يېڭى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قۇملۇقتىكى توغراقتەك يىلتىزداش، قەلبداش بولۇپ، تۇرمۇشۇڭلارنىڭ بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

  داشى كەنتىدىكى تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر ھەر مىللەت ئاممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ئاستىدا بىر نىيەتتە كۆرەش قىلسىلا، يۇرتداشلارنىڭ چوقۇم كۆڭۈللۈك، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇشتا مۇھىمى ئاساسىي قاتلام. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى ماگنىتتەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى ھەر بىر ئائىلىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى تېخىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى كۈنسايىن ياخشىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2014- يىل 9- ئاينىڭ 9- كۈنى

  كۆپچىلىكنىڭ قەلبى كۈچلۈك ھاياجان ۋە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز شادلىققا تولغان، گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى داشى ئاسمىنىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ئاشۇ دەقىقىلەردە، كۆپچىلىك بىلەن بىللە تەنتەنىگە چۆمگەن ساۋۇر شۇجى ھاياجان ياشلىرىدىن نەمدەلگەن كۆز چاناقلىرىنى قول ياغلىقى بىلەن چاندۇرماي سۈرتمەكتە ئىدى...

  ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە، داشى كەنتىدىكىلەر ئاشۇ ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى مەڭگۈ خاتىرىلەش ۋە پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەر يىلى 9- سېنتەبىرنى «مول ھوسۇل بايرىمى» قىلىپ بېكىتتى ھەم ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يازغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش تېمىسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك بايرامنى ناھايىتى داغدۇغىلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى. بىز بۇ مەزگىلدە داشى كەنتىدە مۇخبىرلىق قىلىپ، داھىيلارنىڭ داشى خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مۇشۇنداق غەمخورلۇق، مەدەت- ئىلھاملارنىڭ تۈرتكىسىدە بارلىققا كەلگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ ھۇزۇرلاندۇق، پەخىرلەندۇق.

  داشىنىڭ ئەسلىي نامى «داش» بولۇپ، «شورلۇق»، «تاشلاندۇق يەر» دېگەن مەنىدە. كېيىن، تەرجىمە سەۋەبىدىن «داشى» بولۇپ قالغان. تارىختىن بۇيان نامراتلىق «قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان داشى خەلقىنىڭ 2014- يىلىدىكى كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 25 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكەن. كەنتنىڭ ئومۇمىي مۈلكى 32 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 75 ئائىلىلىك داچا ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن، 178 ئائىلە ئاپتوموبىل سېتىۋالغان، ھەممە ئۆيلەرگە تەبئىي گاز تۇرۇبىسى تارتىلىغان، سۇ، تېلېۋىزىيە، كەڭ بەلباغلىق تورنىڭ ئائىلىلەرگە كىرىش نىسبىتى %100كە يەتكەن. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھازىرغىچە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيە بازىسى»، «مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلى»، «مەملىكەت دەرىجىلىك مەدەنىي كەنت»، «مەملىكەت بويىچە ئەڭ ياخشى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكەن ئون كەنتنىڭ بىرى»، «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك كەنت» قاتارلىق 60 نەچچە تۈرلۈك شان- شەرەپكە ئېرىشكەن...

  بىز كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ھەيئىتى تۇيغۇن ھالىنىڭ يول باشلىشى بىلەن كەنت مەركىزىدە قۇرۇلغان مىللىي ئۆرپ- ئادەت كوچىسى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىنى زىيارەت قىلدۇق. تۇيغۇن ھالى بىزگە بۇ جايدا كەنتتىكى قانچىلىك ياشنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغانلىقى، قانچىلىك ئادەمنىڭ ھەقسىز تەربىيەلەنگەنلىكى، قانچىلىك ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقى قاتارلىقلارنى بىرمۇبىر تونۇشتۇرغاندا، بىز داشى كەنتىنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆيۈندۇق، شۇنداقلا بۇ كەنتنىڭ شىڭپىڭ يېزىسىلا ئەمەس، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ ناھايىتى تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق. بىز كەنت مەركىزىدىكى مۇزېيدەك كۆركەم سېلىنغان داشى كەنتى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋېتىپ، «داشى كەنتىنىڭ 18 تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى»دىكى مۇنۇ قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتتۇق: «كەنتتىكى ھەر بىر كىشى ھەر يىلى 80 يۈەن تاپشۇرۇپ يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ كەنت ئاھالىلىرى قازا قىلىپ كەتسە، 2000 يۈەن دەپنە ياردىمىگە ئېرىشىدۇ؛ يەسلىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە «قوش تىل» سىنىپىدا ئوقۇغان ھەر بىر ئوقۇغۇچى يىلىغا 1000 يۈەن تولۇقلىمىغا ئېرىشىدۇ؛ ھەر بىر ئادەم ھەر يىلى 200 يۈەندىن پەن- تېخنىكىدا ئىلگىرىلەش تولۇقلىمسىغا ئېرىشىدۇ؛ ھەر بىر ئادەم يىلىغا 400 يۈەندىن سۇ، توك ھەققى ياردەم پۇلىغا ئېرىشىدۇ... 1991- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە كەنت ئاھالىلىرىگە جەمئىي تارقىتىلغان ياردەم پۇلى 27 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولۇپ، ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 80 مىڭ يۈەندىن توغرا كېلىدۇ».

  ساۋۇر مەڭلىك بىزگە پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: كەنتىمىز ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، بىز بىر ئىزدا توختاپ قالساق، داھىيلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ. شۇڭا، بىز تېخىمۇ جاسارەتكە كېلىپ، كەلگۈسى تەرەققىياتىمىز ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىۋاتىمىز. بۇ يىل 6- ئايدا، ئېلىمىزدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان كەنت ھېسابلىنىدىغان جياڭسۇ خۇاشى كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى ۋۇ شيېئېن ئۆمەك باشلاپ كەنتىمىزگە كەلدى ھەم كەنتىمىز بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇنىڭ بىلەن، داشى كەنتىمىزنى «شىنجاڭنىڭ خۇاشى كەنتى» قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا يەنە بىر يېڭى قەدەم ئالدۇق. ھازىر، ئىككى كەنت ھەمكارلىقىدىكى 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىغان، قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش بىلەن پارنىك كۆكتاتچىلىقى بىرلەشتۈرۈلگەن تۈر قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى. بۇ يىل 170 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان داشى مىللىي ئۆرپ- ئادەت كوچىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، دېھقانلار بۇ بازاردا تۈرلۈك تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. «داشى تەرەققىيات قۇرۇلۇش شىركىتى» قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ قارىمىقىدا ساياھەتچىلىك، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق بىر قانچە تارماق شىركەتلەر قۇرۇلدى، ھازىر 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان داشى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىدە ناھىيەمىزنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرى تور ئارقىلىق سېتىلىۋاتىدۇ. قىسقىسى، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سودا- سانائەت بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن «پاراسەتلىك داشى» قۇرۇلۇشى كەنتىمىزنى يېقىن كەلگۈسىدە تېخىمۇ تېز تەرەققىيات يولىغا باشلايدۇ.

  خاتىمە

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن باشلاپ تا ھازىرغىچە، پارتىيە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى، قۇتلۇق تىلەكلىرى ئۈزۈلۈپ باقمىدى. مۇشۇنداق غەمخورلۇق ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ خەلقى تېخىمۇ غەيرەتكە ۋە ئۈمىدكە تولۇپ، ھەر ساھەدىكىلەر ئۆز ئورنىدا تىنىمسىز ئىزدىنىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى، شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى. داھىيلار بىلەن دېھقانلارنىڭ ساپ، سەمىمىي مېھىر- مۇھەببىتى ئەينەن خاتىرىلەنگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرمۇ كۈنسىرى، يىلسېرى يېڭىلىنىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا قىزغىن تەنتەنە قىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق خاسىيەتلىك پەيتلەردە، بىز بۇ قىممەتلىك ھەم ئەھمىيەتلىك خاتىرىلەرنىڭ بېتىنى قايتا ۋاراقلاپ كۆردۇق. بىزنىڭ داھىيلار بىلەن دېھقانلارنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتى بايان قىلىنغان ھېكايىمىز ۋاقتىنچە مۇشۇ يەردە تۈگىدى. ئەمما، پارتىيە، دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بولغان سەمىمىي تىلەكلىرى، ئارزۇ- ئۈمىدلىرى ۋە چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى ئۈزۈلمىگەن ئىكەن، بۇ ھېكايىمىزمۇ ئۈزۈلمەيدۇ، توختاپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، ئەجدادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق مېھىر- مۇھەببەت ۋە دىل رىشتى قەلىبلەرنى تېخىمۇ مەھكەم باغلايدۇ!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر