باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ۋەتىنىمىز قوينىدا» شىنجاڭ سىماسى

− بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ھەققىدە

2015.09.25 17:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ۋەتىنىمىز قوينىدا - شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئائىت مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى» 20 - سېنتەبىر بېيجىڭ مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە «ۋەتىنىمىز قوينىدا» ناملىق باش تېما ئاساس قىلىنىپ، «مۇساپە . تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭ»، «مۇۋەپپەقىيەتلەر. جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ»، «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش. بەختىيار شىنجاڭ»، «تۆھپىكارلار . ئىناق شىنجاڭ»، «نەزەر. ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭ» قاتارلىق بۆلەكلەرگە ئايرىلغان. كۆرگەزمە 700 نەچچە پارچە سۈرەت، 200 پارچىدىن ئارتۇق ئەمەلىي بۇيۇم، 40 پارچىدىن ئارتۇق جەدۋەل - ئىسخېما، شۇنىڭدەك تەسىرلىك، يېڭىچە كۆپ ۋاسىتىلىك شەكىل ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالىتى نامايان قىلىنىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، كۆرگەزمە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. كۆرگەزمىنى كۆرگەن شىنجاڭلىق، بېيجىڭلىق ۋە ياكى باشقا يەرلىك تاماشىبىنلار بولسۇن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلغانلىقىدىن خۇش بولدى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن قەلبى لەرزىگە كەلدى.

  كۆرگەزمە زالىغا كىرىشىمىز بىلەنلا كۆزىمىزگە چېلىقىدىغىنى كۆك رەڭدىكى چوڭ ئەگمە ئېكران بولۇپ، ئېكران ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى ئىپادىلەنگەن قۇم مودېل، خۇددى ۋەتىنىمىز باغرىدا ئەركىلەپ ياتقان شوخ بالىدەك كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. چوڭ ئېكراندا دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ مەپتۇنكار مەنزىرىلىرى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇلىرى ئىپادىلەنگەن سۆز - جۈملىلەر ئالمىشىپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

  كۆرگەزمىدە، بىر رامكىلىق كەشتە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. رامكىلىق كەشتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى نەپس كەشتىلەنگەن بولۇپ، ئالتۇن رەڭ پارتىيە گېربى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نەقىشلىك تۈۋرۈك، مۇقەددەس تىنچلىق كەپتىرى «جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە روياپقا چىقىرىمىز» دېگەن خەتلەرنى ئوراپ تۇراتتى.

  رامكىلىق كەشتىنى شىنجاڭ كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى ئۇچقارا 2 - كەنتىدىكى 80 - يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئاچا - سىڭىللار ئەپچىل قوللىرى بىلەن نەپس كەشتىلەنگەن، بىر ئاينىڭ ئالدىدا، ئۇلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى يۇرتىدىن يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ كەشتىلەنگەن رامكىلىق كەشتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ھەم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا يەتكۈزۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.

  نەزەر سالساق، كۆرگەزمە زالىغا كېلىۋاتقان ھەر ساھە، ھەر كەسىپ، ھەر يەردىن كەلگەن تاماشىبىنلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئۇلار چۈشەندۈرگۈچىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ گۈزەل تۇپراقنىڭ ھەر بىر باسقۇچتىكى ئۆزگىرىشلىرىگە نەزەرىنى ئاغدۇراتتى. ئۇلارنىڭ مۇشۇ مىنۇتلاردىكى ھېس - تۇيغۇلىرى قانداق بولۇۋاتقاندۇ؟

  «بۇ قېتىم ئوقۇتقۇچىمىز بىزنى بۇ كۆرگەزمىگە باشلاپ كەلدى. بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە بەك غەمخورلۇق قىلىدۇ. ياتاق، تاماق شارائىتىمىزمۇ شۇنداق ياخشى. بىز كۆرگەزمىدە يۇرتىمىز قىزىلسۇنىڭ تەنتەربىيە سارىيىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندۇق، خۇددى يۇرتىمىزغا بېرىپ قالغاندەكلا ئۆزلۈك ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمدۇق. بىز چوقۇم ۋەتەن، پارتىيە بىزگە ئاتا قىلغان بۇ ياخشى پۇرسەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ۋەتەن - خەلق ئۈچۈن شان - شەرەپ يارىتىمىز»، دېدى بېيجىڭ شەھەرلىك تىنچلىق يولى 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى شىنجاڭ سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رازىيە مەمەتجان بىلەن ماھىرە ئابدۇۋەلى ئىنتايىن راۋان خەنزۇ تىلىدا.

  بېيجىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىسى زۇبەيدە قۇربان: «كۆرگەزمىدىن شىنجاڭنىڭ ئىلگىرىكى قالاق ھالىتىنىڭ تۈپتىن ئۆزگىرىپ ھازىرقى يېڭى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى كۆردۈم. بۇنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بىز چوقۇم پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ياخشى ئوقۇپ، ۋەتىنىمىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرىمىز»، دېدى.

  كۆرگەزمىنىڭ «نەزەر . ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭ» نى تەپسىلىي كۆرۈۋاتقان، شىنجاڭ كۆمۈر سانائەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ۋېي بو، شىنجاڭ قاراماي نېفىت سانائىتى قۇرۇلۇشىغا ئائىت بىر پارچە كونا سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، تەسىرلەنگەن ھالدا: «مەنمۇ بىر گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش خادىمى. مەن شىنجاڭدا تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىنلا بۇ ئىدارەمگە تەقسىم قىلىندىم. دەسلەپكى خىزمەت شارائىتىمىز بىلەن ھازىرقى خىزمەت شارائىتىمىزنى سېلىشتۇرساقلا، شىنجاڭنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغىنىنى بىلگىلى بولىدۇ، ئەڭ ئاددىيسى، ئۇ چاغدا، شىنجاڭدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولمۇ يوقتى، مانا ھازىر يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزمۇ قاتناۋاتىدۇ. مەن خىزمەت قىلغىلى 20 يىلدىن ئاشتى، بۇرۇنقى چاغلاردا دالادا چېدىر تىكىپ ياتاتتۇق، ھازىر ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك، مۇنچىلىق ياتاقلاردا ياتىمىز»، دېدى.

  ۋېي بونىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئۇ ئىشلەۋاتقان گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەترىتىدە، ھاۋادىن سۈرەتكە تارتىش، سېزىم بىلەن تەكشۈرۈپ - ئۆلچەش، ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىق زامانىۋى ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، خىزمەت ئۈنۈمى بۇرۇنقىدىن خېلىلا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ. مانا مۇشۇنداق ئىلغار تېخىنىكىنىڭ ياردىمىدە ۋېي بو 2011 - يىلى قۇمۇل رايونىدا كۆمۈر زاپىسى مول بولغان سەنتاڭخۇ كۆمۈرلۈكىنى بايقاپتۇ.

  خۇ ئانا شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسىدىن بەكمۇ پەخىرلەندى. خۇ ئانا تېخى بۇ كۆرگەزمە ئورنىنى تاپالماي قېلىشتىن ئەنسىرەپ، كۆرگەزمە باشلىنىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئېرى بىلەن ئاتايىن مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىغا كېلىپ، ئورۇننى ئېنىق كۆرۈۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇقۇشىمچە، بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن خۇ ئانا 9 - ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭغا تۇغقان يوقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن ھازىرغىچە ساقلاپتۇ. خۇ ئانا شىنجاڭنىڭ 60يىللىق تەرەققىياتىدىن دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن بىرلىكتە بەھرىلىنىش ئۈچۈن، بېيجىڭدىكى ئىككى «بالا ئاغىىنىسى»نى بۇ كۆرگەزمىنى بىللە كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىپلا قالماي، يەنە تيەنجىندە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نەۋرىسىنىمۇ تەكلىپ قىپتۇ.

  خۇ ئانىنىڭ نەۋرىسى مۇنداق دېدى: «تيەنجىنگە كەلگىنىمگە ئۈچ يىل بولدى، ھەر قېتىم شىنجاڭلىق ساۋاقداشلارنى ئۇچراتسام ياكى شىنجاڭ توغرىلىق گەپ - سۆزلەرنى ئاڭلىسام شۇنچىلىك يېقىملىق ھېس قىلىمەن».

  كۆرگەزمىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلەر . جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان شىنجاڭ» كۆرگەزمە زالىنىڭ شىمالىي بۇلۇڭىغا جايلاشقان بولۇپ، نەپس لايىھەلەنگەن سەھنە ۋە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىك تاماشىبىنلارنى بەكمۇ جەلپ قىلدى.

  مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ شادىمان كۈيلەرگە جور بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ ئۇسسۇلچىلار تاماشىبىنلارنى مەپتۇن قىلدى، تاماشىبىنلار توختاۋسىز ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى، ئۇسسۇلچىلارنىڭ سەھنىدىن چۈشۈپ، تاماشىبىنلارنى ئۇسسۇلغا تارتىپ تەڭ ئوينىشى كەيپىياتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى.

  بۇ ئۇسسۇلنىڭ ئۇسۇل ئىشلىگۈچىسى، ئون نەچچە يىللىق ئۇسسۇل ئويناش ۋە ئۇسسۇل ئىشلەش تەجرىبىسىگە ئىگە ئانارگۈل ئابلىپىز مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ئۇسسۇلنى ئىشلىگەندە، ھەرمىللەت ئارتىسلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىققان خۇشاللىق ۋە ئىناقلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلىشىنى ئويلاپ، مەخسۇس ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنى بۇ ئۇسسۇلغا تاللاپ قاتناشتۇردۇم. چۈنكى بىزنىڭ شىنجاڭدا، بىز مانا مۇشۇنداق ياشايمىز، مىللەت ئايرىماي، بەخت ساماسىغا تەڭ دەسسەيمىز».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر