باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن«دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى تارقاتتى

2015.09.26 01:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما ئومۇمىي مۈلۈكچلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»(تۆۋەندە«پىكىر» دەپ قىسقارتىلدى)نى تارقاتتى. «پىكىر»دە «ج ك پ مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدكى يېتەكچى پىكرى»نىڭ يانداش ھۆججىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇمىي تەلىپى، مەركىزى ئىدىيەسى، يانداش تەدبىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمەت تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان خەلقئارا رىقابەت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلەش ئۈچۈن، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئارىلاشما ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا قانۇنىي ئىگىسى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دۆلەت مەبلىغىنى تەقسىملەش ۋە ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دۆلەت ئىقتىسادىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ھاياتىي كۈچى، كونتىرول كۈچى، تەسىر كۈچى ۋە خەۋپكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ تۈرلۈك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك كاپىتالىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، سوتسىيالىستىك تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمىنىڭ مىكرو ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر