باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

يېمەكلىك لاياقەتلىك بولمىسا ئەڭ تۆۋەن بولغاندا مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىلىدۇ

2015.09.29 20:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى «يېمەكلىك بىخەتەرلىك قانۇنى» ساغلاملىق يېمەكلىكى، توردىكى يېمەكلىك سودىسى، يېمەكلىك خۇرۇچلىرى قاتارلىق ھازىرقى يېمەكلىكنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇشتا ساقلانغان قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە چېتىلغان بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن سودىگەرلەر چاتما جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بەلگىلىمە ئېلان قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودىگەرلەرنىڭ 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مال قايتۇرۇش چەكلىمىسى قويماسلىقىنى بەلگىلىدى؛ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ نەپىقە تەمىناتى ۋە ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردى، بۇ قېتىملىق ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش ئاساسلىقى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەرگە مايىللىشىپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ «سەنشى ئۆلكىلىك ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك مۇھاپىزىتى نىزامى»دا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئايدا ئاز دېگەندە 30 يۈەن تازىلىق ھەققى بېرىشى ئېنىق بەلگىلەندى.... بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار يولغا قويۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر