باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا سۆز قىلدى
شى جىنپىڭ ب د تنىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى

2015.09.29 09:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ب د ت، 26 - سېنتەبىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26 - سېنتەبىر نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا جۇڭگو بىلەن ب د ت بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىغا قاتناشتى ۋە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى تەجرىبىسىنى خۇلاسىلىدى، ھەمكارلىق، تەرەققىيات چوڭ پىلانى ئۈستىدە كېڭەشتى. كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ب د ت باش كاتىپى بان كىمون، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى توغرىسىدا تۆۋەندىكى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچىدىن، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يولىدا ئىزدىنىشكە كۈچەش كېرەك. بىر ئاچقۇچتا بىر قۇلۇپنى ئېچىش كېرەك. بىز ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئۆز ئالدىمىزغا تاللىغان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەردىن ئۆزئارا بەھرىلىنىپ، ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. بىز ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، سودا، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يېشىللاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق، تەڭ ئىلگىرىلەشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، ئەمەلىي تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. بىز ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق يېڭى مېخانىزمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر تۈركۈم بايراقدار ۋە ئېسىل تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ياخشى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇھىت ئۈنۈمى يارىتىپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، دۇنيا تەرەققىيات رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچەش كېرەك. بىز دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپلىمىلىك سودا تۈزۈلمىسىنى مۇستەھكەملەپ، دۇھا ئۇچرىشىشى سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتقا بالدۇرراق ھوقۇق بېرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، تەرەپلەر مەنپەئەتداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشمىز كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، كەلگۈسى بەش يىلدا جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى «ئالتە 100» تۈرى بىلەن قوللايدۇ، بۇ 100 نامراتلىقنى ئازايتىش تۈرى، 100 يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق تۈرى، 100 سودىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم بېرىش تۈرى، 100 ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش تۈرى، 100 دوختۇرخانا ۋە ئامبۇلاتورىيە تۈرى، 100 مەكتەپ ۋە كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەلگۈسى بەش يىلدا، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن كەلگەن 120 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەپ، 150 مىڭ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن 500 مىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىمى تەربىيەلەپ بېرىدۇ. جۇڭگو جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتى ئىنستىتۇتى قۇرىدۇ ھەم دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى 2 مىليون دوللار نەق پۇل ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى دوستانە ھەم قىزغىن بولدى. يىغىنغا قاتناشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئاچقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسى ۋە تەكلىپىنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار بەس - بەستە مۇنداق دېيىشتى: جۇڭگو ھازىر خەلقئارا ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنى ۋە بۇ قېتىمقى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا جاكارلىغان بىر قاتار مۇھىم ئەمەلىي تەدبىرلەر جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، جەنۇب - جەنۇبنىڭ ھەمكارلىقىنى قوللاش، جەنۇب - جەنۇبنىڭ ھەمكارلىقىغا تۆھپە قوشۇشتىكى كونكرېت ھەرىكىتى. جەنۇبتىكى دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تولۇقلىمىسى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى جەنۇب - شىمال ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە قىلغان ياردىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. ب د ت جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2015 - يىللىق كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى تەرەققىيات نىشانى كۆرسىتىپ بەردى ۋە تېخىمۇ يوقىرى تەرەققىيات تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى بويىچە 2015 - يىللىق كېيىنكى تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلام، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھەدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئورتاق رەئىسلەر ئاخباراتى ئېلان قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى مۇھىم پىرىنسىپى خۇلاسىلىنىپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى، تەجرىبىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ماكرولۇق سىياسەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بايراقدار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بەرپا قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىش ئىسلاھاتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26 - سېنتەبىر نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ب د ت باش ئىشتابىغا كېلىشىم. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەلىرىنىڭ نيۇيوركقا يىغىلىشى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ب د ت نىڭ خەلقئارا ئىشلاردا جارى قىلدۇرۇۋاتقان رولىنى قوللايدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەت ب د ت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ب د ت نىزامنامىسىدىكى ئاساسىي مەقسەت ۋە پىرىنسىپنى قوغداپ، ب د ت نىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى ھىمايە قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچىشى كېرەك.

  بان كىمون شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ب د ت نى زىيارەت قىلغانلىقىنى قارشى ئالدى. بان كىمون مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم ئەزاسى، ب د ت قارالمىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان شېرىك. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى، خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناپ، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ب د ت تەرەققىيات باشلىقلار يىغىنىدا ب د ت تەرەققىيات قارالمىسىنى قوللايدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى جاكارلىدى، بۇ كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ب د ت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. ب د ت جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئالاقىدار رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش، كېلىمات ئۆزگىرىشى يېڭى كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر