- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن ھەيدەكچىلىك-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يەنە 249 كادىرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى
2015.09.29 20:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ھەيدەكچىلىك-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا 2-تۈركۈمدىكى جاۋابكارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانلارنى ئاشكارىلىدى. ئالاقىدار جايلارنىڭ تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ۋە مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن، مەبلەغنى بېسىپ قويۇش، تۈرنى ئارقىغا سوزۇش، يەرنى بوش قويۇش، كەپىلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق ھۇرۇن، قىلىدىغاننى قىلماسلىقتەك تىپىك مەسىلىلەرگە قارىتا، 24 ئۆلكە (رايون، شەھەر)دىكى 249 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى، سىياسىي ئىنتىزام بويىچە جازالىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت نازىر دەرىجىلىك كادىردىن 41ى، ناھىيە باشقارما دەرىجىلىك كادىردىن 139ى بار.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بۇ يىل 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە 2-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. گوۋۇيۈەننىڭ 2-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئىز قوغلاپ تەپتىش قىلىشى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشى جەريانىدا بايقىغان ھۇرۇنلۇق ۋە قىلىدىغاننى قىلماسلىقتەك مەسىلىلىرىگە قارىتا بۇ يىل 8-ئايدا يەتتە ئۆلكىدىكى 59 كادىرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار جايلاردىكى تەسىرى چوڭ بولدى، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر