باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇ جېڭشېڭ 13-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2015.09.29 11:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-نۆۋەتلىك دۇنيا جۇڭگولۇق سودىگەرلەر يىغىنى تۈنۈگۈن ھىندونوزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى دېنباسا شەھىرىدە ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ ماھىرلىق بىلەن پۇل تېپىش پوزىتسىيەسى، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش روھى، ئىناق بولۇپ ئورتاق غەلبە قىلىش قارىشى ھەم جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىسى، ھەم دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىدىكى مۇھىم روجەك.

  يۇ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا يولۇقماقتا، جۇڭگو خەلقى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يۈز يىللىق ئىككى كۆرەش نىشانىنى ۋە جۇڭخۇانىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ، بارلىق جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆز ئىشىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ، ئورتاق غەلبە قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر