باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 4 - تارماق ئۆمىكىدىكىلەر تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرىدە ھال سورىدى

2015.09.29 16:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چىڭلى 28 - سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 4 - تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ، تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى ۋە قاراماي شەھىرىگە بېرىپ ھال سورىدى.

  جاڭ چىڭلى 4 - تارماق ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىللە، چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيەك بازىرى قاراساي كەنتىگە بېرىپ، شۇ جاينىڭ 2010 - يىلى قار سۈيى كەلكۈنىنىڭ ئاپىتىگە ئۇچرىغاندىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كەنت ئاھالىسى ساغىينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىنكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلىدى ھەم چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ھال سورىدى. ئۇ شۇ جاينىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، شۇ جايدىكى ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئارقىدىنلا 4 - تارماق ئۆمىكىدىكىلەر قاراماي شەھىرىگە بېرىپ، شۇ جاينىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىدا، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، جۇڭگو نېفىت، تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ ئېغىر ماي تەرەققىيات شىركىتى نېفىت ئېلىش مەشغۇلاتى 5 - رايونى نېفىت ئېلىش 6 - ئىسمېنىنىڭ باشلىقى روزىمەمەت باقى ئۆزىنىڭ 15 يېشىدا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چەت - ياقا يېزىسىدىن قاراماي تېخنىك ئىشچىلار ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق، 31 يېشىدا مەملىكەتلىك ياشلار تېخنىكا ماھىرى، 33 يېشىدا بۇ گۇرۇھ شىركىتىنىڭ تېخنىكا مۇتەخەسسىسى بولۇش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتتى، روزىمەمەت باقى: بىلىم تەقدىرنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۆزگىرىش كەلگۈسى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، تۆھپە قوشۇش ھاياتلىققا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، بۇ، 21 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زور تەسىراتىم، دېدى.

  كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاڭ چىڭلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قاراماي ئېلىمىزنىڭ مۇھىم نېفىت، نېفىت - خىمىيە سانائىتى بازىسى، قاراماي ئالاھىدە تۈزۈلمىسى، رايون ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپلەر توپلانغان ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت ئېنېرگىيە مەنبەسى ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئابىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭلار ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھەمراھ بولۇپ پائالىيەتكە قاتناشتى، ئەركىنجان تۇراخۇن تارباغاتاي ۋىلايىتىدە ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ھەمراھ بولۇپ پائالىيەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر