باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3 - تارماق ئۆمىكى سانجى، ئۈرۈمچىدە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.09.29 16:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 3 - تارماق ئۆمىكى 28 - سېنتەبىر سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر مىللەت خەلقىدىن ھال سورىدى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تىلىكىنى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا يەتكۈزدى.

  سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە ئورنىدا، ئەركىن ئىمىرباقى ۋە 3 - تارماق ئۆمەك ئەزالىرى يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن ھال سورىدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار قوشماق بولۇپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى يولغا قويغانلىقىنى ئالقىشلىدى، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، «قوش تىل» ۋە تېخنىكا ئۆگىنىشتە ئۆزئارا ياردەملىشىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ئەركىن ئىمىرباقى ۋە 3 - تارماق ئەترەتنىڭ ئەزالىرى يۈيشىگۇ بازىرى مىنچاڭ خۇيزۇلار يېڭى كەنتىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم خۇيزۇ كەنت ئاھالىسى دىڭ خۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلىدى. دىڭ خۇ ھاياجانلانغان ھالدا: بۇ نەچچە يىلدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنتىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئائىلەمنىڭ كىرىمىمۇ يىلدىن يىلغا كۆپەيدى، دېدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەركىن ئىمىرباقى قاتارلىقلار ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى، سانجى رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

  ئەركىن ئىمىرباقى پېشقەدەم يولداشلار، ئىلغارلار - نەمۇنىچىلار ۋە دىنىي زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ ماسلىشىپ، ھالقىما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى مايىل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئۈرۈمچىنى ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، كىشىلەر داۋاملىق يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان، ئالاھىدە ئورۇنغا، خاسلىققا ئىگە بولغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەركىزىي شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، غانىبات سابۇكەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پائالىيىتىگە ھەمراھ بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر