باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۇسسۇل، دىراما قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىشى كېرەك

2015.09.29 20:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەكتەپلەرنىڭ گۈزەل-سەنئەت، تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ 2018-يىلغىچە گۈزەل-سەنئەت، تەنتەربىيە دەرسلىرىنى تولۇقلاپ ئېچىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇزىكا، رەسىم قاتارلىق دەرسلەرنى تەسىس قىلىش ئاساسىدا، شارائىتى بار مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر يەنە ئۇسسۇل، دىراما قاتارلىق يەرلىك دەرسلەرنى تەسىس قىلىشى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر شارائىت يارىتىپ ئۇسسۇل، دىراما، كىنو-تېلېۋىزىيە قاتارلىق ئوقۇتۇش بۆلىكىنى تەسىس قىلىشى كېرەك.

  ئالىي مەكتەپلەر سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئاساس قىلغان چەكلىك تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىش ئاساسىدا سەنئەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، سەنئەت تارىخىي نەزەرىيەسى، سەنئەتنى تەنقىد قىلىش تۈرىدىكى ئىختىيارىي تاللاپ ئۆگىنىدىغان دەرسلەرنى تەسىس قىلىشى كېرەك.

  گۈزەل-سەنئەت، تەنتەربىيە ئەمەلىي پائالىيىتىنىمۇ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك، «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيىتى خاتىرىلەش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەھەللە، يېزالارنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش، ئىلغار مىللىيچە خەلق سەنئىتى ئۆگىنىش، نەپىس ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش، گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش قاتارلىق ئەھۋالى ۋە ئىپادىسىنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەنئەت ساپاسىنى باھالاش مەزمۇنى قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر