باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>يۈ جېڭشېڭ

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

يۈ جېڭشېڭ ئۆمەك باشلاپ قەشقەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى

2015.09.28 09:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈ جېڭشېڭ ھېيتگاھ جامەسىدە دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىرلەشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 26- سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ قەشقەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جېڭۋېي بىرگە باردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ھەمراھ بولدى.

  قۇربان ھېيت مەزگىلى بولغاچقا، قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە بايراملىق خۇشال كەيپىيات ئەۋج ئالغانىدى. رېستورانلاردا تويلار ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مېھمانلار ئۇسسۇلغا چۈشكەنىدى؛ ئاۋام چوڭ سەھنىسىدە مول مەزمۇندىكى نومۇرلار ئورۇنلىنىپ، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى جەلپ قىلغانىدى، ئۇيغۇر قىز- چوكانلار ئەتلەس كۆڭلەكلىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا ساڭزا ۋە پىشۇرۇقلارنى كۆتۈرگىنىچە ئۇرۇق- تۇغقان، دوستلىرىنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ ماڭغانىدى... كۆپچىلىك ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى ئوخشاشمىغان ئۇسۇلدا تەبرىكلەپ، قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىنى خۇشال قارشى ئېلىۋاتقانىدى، ھەممىلا يەردە ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، خاتىرجەملىك ئەكس ئەتكەنىدى.

  يۈ جېڭشېڭ 26- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار، ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم قەشقەر ۋىلايىتىدىكى يېزا- بازارلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ ئارقىدىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى تېخنىكىلىق تەھقىقلەش تارماق ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى ئىمىنجان تۇراق، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئانىقىز ئوسمان، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى سايباغ مەھەللىسىنىڭ كادىرى سۈي جيۇشيۇ قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. كۆپچىلىك بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇلىرىنى سۆزلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زور تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ ئۆتتى، ئۇلارنىڭ سەمىمىي ھەم تەسىرلىك سۆزلىرىدىن ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەملىكەت خەلقىگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى، 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەردىن خۇشال بولۇش، پەخىرلىنىش، شۇنىڭدەك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش قەتئىي ئىرادىسى ئىپادىلەندى.

  يۈ جېڭشېڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئەزەلدىن شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ ئېنىق بېكىتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. قەشقەر ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقىرى بېسىملىق قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ھالىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەملىكىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇشى، ئەلرايىنى تىرىشىپ مايىل قىلىشى ۋە مۇجەسسەملىشى؛ خەلق تۇرمۇشىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ھەل قىلىشى؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشى؛ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلىشى كېرەك.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر چۈشتىن كېيىن، قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ جامەسىگە كەلدى. ھېيتگاھ جامەسى 1442- يىلى سېلىنغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. يۈ جېڭشېڭ ھېيتگاھ جامەسىگە كىرىپ، سەككىز بۇرجەكلىك ئۆتۈشمە زال ۋە 20 نەچچە مولۇق چوڭ ھويلىدىن ئۆتۈپ، مەسچىتنىڭ ئىچىگە كىردى. يۈ جېڭشېڭ قاتارلىقلار ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، تارىخىي ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم قەشقەر ۋىلايىتىدىكى دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن پاراڭلاشتى.

  يۈ جېڭشېڭ ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنىڭ شىنجاڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ: دىن خىزمىتى شىنجاڭدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى دادىل سۆز قىلىش ۋە ئىپادە بىلدۈرۈش، توغرا ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك، دېدى. دىنىي زاتلار: دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ «بەشتە ياخشى» دىنىي زاتلاردىن بولۇپ، «بەشتە ياخشى» دىنىي سورۇن بەرپا قىلىپ، ھازىرقى خاتىرجەم ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمىز، دېيىشتى.

  قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى شېنجېن كەسىپلەر رايونى شېنجېن شەھەرچىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، كەسىپلەر رايونى ئىچىگە جايلاشقان قەشقەر «جەنبو» ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ۋەكىلى. يۈ جېڭشېڭ بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كەسىپلەر رايونىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش ئەھۋالى ۋە كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى.

  ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، تەربىيەلەنگەن دېھقانلار پىشقان كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلانغان بولۇپ، قۇراشتۇرۇش، تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. يۈ جېڭشېڭ نەق مەيداندىكى ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئەھۋالى، ئىش ئورنىغا چىقىپ ئىشلەش، ئائىلە كىرىمى قاتارلىق كونكرېت ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. يۈ جېڭشېڭ كارخانىلارنى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن مەبلەغ سېلىش بازىرىدا يىلتىز تارتىشقا، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى قېزىشقا ماھىر بولۇپ، تەتقىق قىلىش، مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىچى چوڭ بازىرىغا يۈزلىنىپ، خەلقئارا بازارنى نىشانلاپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  يۈ جېڭشېڭ يەنە جەنۇبىي شىنجاڭ ھەربىي رايونىغا بېرىپ ھال سورىدى، ھەر مىللەت كوماندىر - جەڭچىلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  يۈ جېڭشېڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال چېگراسىدىكى مۇھىم مۇداپىئە ئىستىھكامى، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ، شۇنداقلا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى. جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بۇرچنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تايانچقا ئىگە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، شاۋكەت ئىمىن ھال سوراشقا ئايرىم- ئايرىم ھەمراھ بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر