باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسىمىيەت ھەققىى قاتارلىق 12تۈرلۈك ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتتى

2015.09.26 01:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسىمىيەت ھەققى،ماركىنى رويخەتكە ئېلىشنى قوبۇل قىلىش ھەققى قاتارلىق قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش»دەپ قىسقارتىلدى)نى تارقىتىپ، قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش ھەم پاتنېت يىللىق ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. بۇ قېتىم ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققى قاتارلىق 12 تۈرلۈك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلگەن، پاتېنت يىللىق ھەققىنى كېمەيتىپ تاپشۇرۇش مۆھلىتى ئۇزارتىلغان بولۇپ، كارخانا ۋە پۇقرالارنىڭ 4 مىليارد يۈەن يۈكى يىنىكلىتىلىدىكەن.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق بەلگىلەندى: بۇ يىل 10- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن باشلاپ تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى، سودا- سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، خەلق ئاۋىئاتسىيەسى، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە، ئورمانچىلىق قاتارلىق 6 تارماققا ئالاقىدار 12 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى تۆۋەنلىتىلىدۇ. تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرىنىڭ ئۆي ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسىمىيەت ھەققى؛ سودا-سانائەت تارماقلىرىنىڭ ماركىنى رويخەتكە ئېلىشنى قوبۇل قىلىش ھەققى؛ يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش ھوقۇقى ھەققى قاتارلىقلار؛ ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرىنىڭ پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى تىزىملاش ھەققى، پۇقرالار ئاۋىئاتسىيە ۋاستىلىرى ھوقۇقىنى تىزىملاش ھەققى؛ ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە تارماقلىرىنىڭ يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققى ۋە يۇمشاق دېتال ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاش كېنىشكىسى تەننەرخ ھەققى؛ ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش ھوقۇقى ھەققى قاتارلىقلار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر