باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى قىسمەن رايونلاردا ئالدىن يولغا قويۇلدى ۋە سىناق قىلىندى

2015.09.22 17:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-سېنتەبىر ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئېچىلغان مەركىزى كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 16- قېتىملىق يىغىنىدا «»قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى. «پىكىر»دە بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا چوققا قاتلام لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئومۇمىي تەلەپ، ئاساسلىق ۋەزىپە ۋە يۈرۈشلۈك تەدبىر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پاسسىپ تىزىملىك ئىجازەت تۈرى ۋە ئىجازەتكە چەك قويۇلىدىغان تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بازار سوبيېكتى ئاساس قىلغان ئىختىيارى ئاساستا دەسلەپكى قەدەمدە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ سېلىش كېڭەيتىش، قوشۇۋېلىش ۋە سېتىۋىلىش قاتارلىق مەبلەغ سېلىش، تىجارەت ھەرىكىتى ۋە باشقا بازار ئىجازىتى ھەرىكىتىنى تەدبىقلىنىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئالدىن يولغا قويۇش ۋە سىناق قىلىش، تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇش پىرىنسپىغا ئاساسەن، 2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە قىسمەن رايونلاردا بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، تەجرىبە توپلىنىپ، تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ۋە ئالاقىدار تۈزۈلمە مېخانىزىمىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، 2018- يىلىغىچە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈزۈمى رەسىمىي يولغا قويۇلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر