باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئادىل مۇئامىلىسىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى

2015.09.22 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي تۈنۈگۈن زىيارەتكە بارغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى يۇكىيا ئامانو بىلەن كۆرۈشكەندە: بۇ ئورگاننىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى كېلىشىمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىش جەريانىدا ئادىل مەيداندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، روھانىي: ئىران يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنىڭ قوشۇمچە شەرتىنى ئىجرا قىلىشنى خالايدۇ. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىش جەريانىدا ئادىل مەيداندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىراننىڭ يادرو ساھەسىدىكى پەن-تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ دېگەن.

  ئامانو شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن 15-دېكابىر ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەربىي ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىگە قاراپ چىقىش مۆھلىتىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر