باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىكى تۇنجى بېكەت نېمە ئۈچۈن سېئاتىل بولدى؟

2015.09.23 15:29   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىكى تۇنجى بېكەت نېمە ئۈچۈن سېئاتىل بولدى؟

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدىكى ھەرخىل مەسىلىلەر ھەققىدە، كىشىنى ئەڭ بەك قىزىقتۇرىدىغىنى ئامېرىكا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولغان سېئاتىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  نۇرغۇن كىشىلەر ئەجەبلەنگەن ھالدا «نېمە ئۈچۈن سېئاتىل تاللاندى؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن جايلار رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇ باشلاپ كېلىدىغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتىدىغان بىرىنچى بېكەت تېخىمۇ ھەم شۇنداق. بۇ باش ئەلچى سۈي تيەنكەينىڭ بېشىنى خېلى بەك قاتتۇردى. چۈنكى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سەپىرى ناھايىتى جىددىي، ئۇنى تەكلىپ قىلغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، باش ئەلچى سۈي تيەنكەينىڭ ۋەزىپىسى دەل باش بېكەتنى تەۋسىيە قىلىشتۇر.

  جۇڭگو خەلقئارا مۇناسىۋەت مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، سېئاتىلنى تاللاشتىكى سەۋەب،، سېئاتىل بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي قىرغىقىدا بولۇپ، سەپەر تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولىدۇ، ھەمدە سېئاتىلمۇ ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا قارىغاندا جۇڭگوغا تېخىمۇ يېقىن.

  [مۇھەررىردىن] سېئاتىل شەھىرى ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ۋاشىنگتون شىتاتىغا جايلاشقان. ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتون شەھىرى بولسا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىغا جايلاشقان.

  جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنىدىن دۇنيا ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسى چېن فېڭيىڭنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا غەربىي قىرغىقىدىكى سېئاتىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەھەرلەر پەن-تېخنىكا ۋە ئىجادكارلىقى بىلەن داڭلىق. مىكروسوفت، بوئىن ۋە باشقا نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى شىركەتلەرنىڭ باش شىتابى دەل سېئاتىل شەھىرىدە. بۇ داڭلىق كارخانىلار جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە.

  چېن فېڭيىڭ يەنە مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سېئاتىلنى زىيارەت قىلىشى، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىدا مۇھىم ئەھمىيىتى بار بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا يەرلىك ھۆكۈمېتى ھەمكارلىقىنىڭ سىمۋولىدۇ.»

  جۇڭگو خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇگېنىڭ قارىشىچە، سېئاتىل «ئىككىنچى كرېمنىي جىلغىسى» بولۇپ قالدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى «ئېنتىرنېت تورىقا بىرىكتۈرۈش» پىلانىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيىتى بار. بىراق نېمە ئۈچۈن سېئاتىلنىڭ تۇنجى بېكەت بولۇپ قالغانلىقىقا سۇگې تېخىمۇ بەكرەك ئىقتىسادىي نەزەر بىلەن قارايدۇ. ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تايىنىش نۇقتىسى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىل. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، سېئاتىل بىر ياخشى تاللاشتۇر. سېئاتىل تۇرۇشلۇق ۋاشىڭگىتون شىتاتىنىڭ ئۆتكەن يىلى جۇڭگو بىلەن بولغان سودا ئومۇمىي سوممىسى 29 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، بۇ شىتات تاشقىي سودا سوممىسىنىڭ تۆتتىن بىرىن ئىگىلىدى. ۋاشىڭگتون شىتاتىمۇ جۇڭگوغا قارىتا ئوڭ پەرقنى ئىشقا ئاشۇرغان ئامېرىكىدىكى بىردىنبىر شىتات بولۇپ قالدى. ئۆتكەن يىلى بوئىن شىركىتى جۇڭگوغا 155 ئايروپىلاننى تاپشۇرۇپ، يېڭى تارىخىي يۇقىرى نۇقتا ياراتتى.

  سۇگې يەنە سېئاتىلنى تاللاشنىڭ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھە بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سېئاتىلدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە رەئىس شى جىنپىڭ سودا، مائارىپ ۋە باشقا ھەرقايسى ساھە ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. جۇڭگو دېپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، رەئىس شى جىنپىڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى سېئاتىلدىن باشلىنىدىغانلىقىنى، شۇ جايدىكى ئەمەلدارلار، ھەرقايسى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا جامائىتى بىلەن بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى تاۋ ۋېنجاۋنىڭ قارىشىچە، سېئارىل جۇڭگو-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرماقتا، سېئاتىل يەنە 1979-يىلى شۇ چاغدىكى مۇئاۋىن زوڭلى دېڭ شياۋپىڭ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندىكى ئاخىرقى بېكەت بولغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …