باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مەركىزىگە ئايلانماقتا

روسىيەلىك شەرقشۇناس ياكوۋلېفنى زىيارەت

2015.09.28 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 1955-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رەسمىي قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقى كېلىش ھارپىسىدا، روسىيەلىك شەرقشۇناس ياكوۋلېف زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا، جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمېتىنىڭ كۈچلۈك باشقۇرۇشى ئاستىدا، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مەركىزىگە ئايلانماقتا، دېدى.

  ياكوۋلېف مۇنداق دېدى: جۇڭگودىكى بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون. ئۆتكەن 60يىلدا شىنجاڭ قالاق دېھقانچىلىق ئىقتىسادىدىن تەرەققىيات ئىستىقبالى ئىنتايىن زور بولغان ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا بولغان ئۆزگىرىشنى تاماملىدى. مەركەز ھۆكۈمېتىنىڭ پىلانلىشى ۋە يېتىكلىشى بىلەن شىنجاڭ رايونىنىڭ تەرەققىياتى مۇقىم ئالغا باستى.

  ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ رايونىنىڭ ئاساسلىق تايانچ كەسپى نېفىت، تەبئىي گاز ئېچىش، پىششىقلاپ ئىشلەش بولۇپ، نېفىت-خېمىيە ساھەسىنىڭ شىنجاڭ رايونى ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %60كە يېتىدۇ. ئاقسۇ، قاراماي قاتارلىق رايونلارنى مىسال قىلساق، ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز. غەربتە تارىم ئويمانلىقىدىن، شەرقتە شاڭخەيگىچە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4200كېلومېتىرلىق غەربنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش گاز لېنىيەسى شىنجاڭنىڭ پاكىز تەبئىي گاز بايلىقىنى شەرقىي رايونلاردىكى كۆپ قىسىم شەھەرلەرگە يەتكۈزۈپ، 400مىليوندىن ئارتۇق ئادەمگە نەپ يەتكۈزىدۇ.

  ياكوۋلېف يەنە جۇڭگو ھۆكۈمېتىنىڭ شىنجاڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بەرگەن ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى، نامراتلىقنى تۈگىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش، رايون بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ياكوۋلېفنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى تەرەققىيات سۈرئىتى بويىچە بولغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70يىللىقى بولغاندا، شىنجاڭ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مۇھىم مەركىزى بولۇپ قالىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر