باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>يۈ جېڭشېڭ

يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

مەركەز ئاپتونوم رايونىمىزغا «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان تەبىرىك تاختىسىنى تەقدىم قىلدى

ئاپتونوم رايونىمىز قاناسنىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ ئاسما گىلەم سوۋغا قىلدى

2015.09.28 09:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈ جېڭشېڭ بىلەن جاڭ چۈنشيەن تەبرىك تاختىسىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا خاتىرە بۇيۇمى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزغا باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىپ بەرگەن «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىما يېزىلغان تەبرىك تاختىسى، ئاسايىشلىققا سىمۋول قىلىنغان «ئانار» لۇڭقىسى قاتارلىق خاتىرە بۇيۇملارنى تەقدىم قىلدى، ئاپتونوم رايونىمىز مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قاناسنىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ ئاسما گىلەم سوۋغا قىلدى.

  تەبرىك تاختىسى ناھايىتى كۆركەم، سەلتەنەتلىك بولۇپ، ئېگىزلىكى 3.1 مېتىر، كەڭلىكى ئالتە مېتىر، ئوچۇق جۇڭگو قىزىل رېڭى تەگلىك رەڭ قىلىنغان، يۈزىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىپ بەرگەن «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىما سۆزى، ئالتۇن قەغەزگە چۈشۈرۈپ چاپلانغان كەينى تەرىپىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېغىشلىما سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە، قىرغىزچىدىن ئىبارەت تۆت خىل يېزىقتىكى تەرجىمىسى چۈشۈرۈلگەنىدى. بۇ زور تاختىنىڭ ئىچكى چەمبىرىكىگە قايتما سىزىق، سىرتقى چەمبىرىكىگە سۇ دولقۇنسىمان سىزىق چۈشۈرۈلگەن، قايتما سىزىق ئۈزلۈكسىزلىك، مەڭگۈ خەيرلىك بولۇش مەنىسىگە ئىگە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاق - ئىناقلىقى، ئورتاق گۈللىنىشىگە سىمۋول قىلىنغان؛ سۇ دولقۇنىسىمان سىزىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئانا دەرياسى - خۇاڭخې دەرياسى ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئانا دەرياسى - تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ كەلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلغان.

  «ئانار» لۇڭقا ھەيۋەتلىك، كۆركەم بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك» دېگەن سۆزىنىڭ روھىنى لايىھە تەسەۋۋۇرى قىلىپ، مىس نەقىشلىك ھۈنەر - سەنئەت قوللىنىلىپ، ئانار ئۇرۇقى، ئانار گۈلى، مۇدەنگۈل، تاغ لەيلىسى، شاتارى قاتارلىق نەقىشلەردىن تۈزۈلۈپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.يۈ جېڭشېڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بىلەن بىللە باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزىپ بەرگەن بېغىشلىما يېزىلغان تەبرىك تاختىسى ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىگە سوۋغا قىلىنغان ئاسما گىلەمنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يەندۇڭ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى سېغىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ «گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىمىنى يېزىپ بەردى ھەم ئاسايىشلىققا سىمۋول قىلىنغان «ئانار» جام ياساشنى قارار قىلدى. تەبرىك تاختىسى شىنجاڭنىڭ ۋەتەن بىلەن تەقدىرداش، ئورتاق كەلگۈسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن، «ئانار» جام مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىغا سىمۋول قىلىنغان.

  ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: مەركەز تەبرىك تاختىسى ۋە «ئانار» جامنى تەقدىم قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ۋەتەن ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى مۇراسىمدا مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا تەقدىم قىلغان خاتىرە بۇيۇملار ۋە پۇل تىزىملىكىنى ئوقۇدى. مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئاپتونوم رايونىمىزغا تەقدىم قىلغان خاتىرە بۇيۇمىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ھەم مىللىي خاسلىقىغا ئىگە، ھەم يەرلىكتىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي، دىنىي ئۆرپ - ئادىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە ھەم ئەمەلىي، ئاددىي. خاتىرە بۇيۇمى جەمئىي توققۇز تۈرلۈك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تەسىس قىلىنغان 50 مىليون يۈەنلىك فوند ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا ئاسما گىلەم؛ ناھىيە، رايون، تۈەن - مەيدان، ئالىي مەكتەپ ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا خاتىرە فار فور لوڭقا؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى نەمۇنىچىلىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، كۈرەش قەھرىمانلىرىغا خاتىرە مېدالى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1329 ساناتورىيە، پاراۋانلىق ئورنى، شان - شەرەپ قازانغۇچىلار ئورنى، نەپىقە ئوبيېكتلىرى ئورنىغا كىچىك كۆڭۈل ئېچىش سىستېمىسى ؛ ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە قوش تىل يەسلىلىرىگە 1700 پىئانىنو، 4300 ئاككوردىيون ۋە 3700 يۈرۈشتىن ئارتۇق يەسلى ئوقۇتۇش قوراللىرى تەقدىم قىلىنىدۇ.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن جاڭ چىڭلى، ۋاڭ جېڭۋېي، جاۋ كېشى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر