خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) ھەج قىلىش قائىدىسى بويىچە، ھەج قىلغۇچىلار ئىبادەت قىلىپ، قۇرئان ئوقۇپ كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئىككىنچى كۈنى ئون كېلومېتىر يىراقلىقتىكى ئارافات تېغىغا بېرىپ، دۇئا قىلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى سۆزىنى خاتېرىلەيدۇ، ھەمدە گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىپ، تۆۋىسىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىنى تىلەيدۇ. شۇ كۈنى كەچتە ھەج قىلغۇچىلار ئارافات تېغىدىن ئايرىلىپ، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى مۇزدالىفاھقا بېرىپ، شەيتانلارغا تاش ئېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەيدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى