باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يۇ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەشقەردە ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى(1)

2015.09.28 13:40   مەنبە: خەلق تورى

يۇ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەشقەردە ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى(1)

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۇ جېڭشېڭ تۈنۈگۈن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ قەشقەرگە كېلىپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى يوقلىدى.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يۇ جېڭشېڭ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ھەرساھە ئەربابلىرى ۋەكىللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار ۋەكىللىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېزا بازارلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى،كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.

  يۇ جېڭشېڭ شۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ئۇ قەشقەر ۋىلايىتى ئاساسى قاتلام كادىر ۋە ئامما ۋەكىللىرىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: قەشقەر جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبىدىي ئەمىنلىكىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ باش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، باشتىن ئاخىرى يۇقۇرى بېسىم بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تىنچ ئامانلىقىغا قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققى قىلدۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەك كۈچلىرى زىچ كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ كۆپەيتىپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشى ۋە مۇجەسسەملىشى كېرەك، خەلق تۇرمۇشىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلىلەرنى قەتئى ئىرادە بىلەن ھەل قىلىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، دىن خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى قىلىشى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلىشى كېرەك.

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى قەشقەر ھېيتكار مەسچىتىگە كەلدى، يۇ جېڭشېڭ دىنى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ شىنجاڭنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى چوڭقۇر مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: دىن خىزمىتى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش، بارلىق دىنى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى مەيدانىنى روشەن قىلىپ، توغرا قاراشنى نۇرلاندۇرۇپ، ئەسەبىچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنىي رايىشلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك، دىنىي زاتلار ۋەكىللىرى بەس بەستە: ھازىرقى تىنچ جەمئىيەت ۋەزىيىتىنى قەدىرلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغانغا ئوخشاش ئاسرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھېيت-بايراملاردا  كوللېكتىپ دەرس تولۇقلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ
      ·تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماتېماتىكا دەرسى بېرىش سىناق قىلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىدا بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەل تىلىدىن ئىمتىھ…
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىگە قوبۇل قىلىنالمىغان ئوقۇغۇچىلار 25 -، 26 - سېنتەبىر …
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن 130 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىندى
      ·2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3-سېنتەبىر ئاياغلىشىدۇ
      ·50مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇل بىلەن شىنجاڭ كەسپىي مائارىپ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشقا كىرىش سالاھىيىتىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، كەسپ …
      ·ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىنىڭ ئورۇندالمىغان پىلانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش خىزمىتى باشل…
      ·مەۋلۇت: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا نومۇر قوشۇشنى بىكار قىلىشنىڭ تېخىچە ۋاقىت …