چەرچەن ناھىيەسى چەرچەن بازىرىدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما 23-سېنتەبىر «بايرامنى تەبرىكلەيمىز» تېمىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، بىرلىكتە ساڭزا، ئاي توقاچلارنى پىشۇرۇپ، مىللىيچە مەززىلىك تائاملاردىن بەھىرلەنگەچ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قۇربان ھېيت، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چەرچەن ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى يېز-بازار، مەيدانلار «بىزنىڭ بايراملىرىمىز» تېمىسىدا يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، ئائىلە مەشرىپى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.