باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>يۈ جېڭشېڭ

ئەجدادلارنىڭ ئىزىنى ياد ئېتىش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئەسلەش

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىنى سۈپۈردى

2015.09.28 09:33         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 25 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ قەبرە سۈپۈرۈپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە ئابىدىسىگە گۈل سېۋىتى قويۇپ، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈردى. ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش - ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى زىيارەت قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ئەسلىدى.

  يۈ جېڭشېڭ ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىنىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە ئابىدىسىگە گۈل سېۋىتى قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  يېشىللىق بىلەن قاپلانغان ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى سۈرلۈك، جىمجىت ئىدى. خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە ئابىدىسى ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. گۈل سېۋىتى قويۇش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئارمىيە ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ رەھبەرلىرى، ئۈرۈمچىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە شىنجاڭنىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا قىممەتلىك ھاياتىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. مۇڭلۇق گۈل تەقدىم قىلىش مۇزىكىسىغا جور بولۇپ، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما تەقدىم قىلغان ئۈچ گۈل سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە ئابىدىسىگە ئاستا مېڭىپ بېرىپ، گۈل سېۋىتىنى خاتىرە ئابىدىسىنىڭ تۈۋىگە قويدى.

  يۈ جېڭشېڭ سالماقلىق بىلەن ئاستا مېڭىپ گۈل سېۋىتىنىڭ يېنىغا بېرىپ، گۈل سېۋىتىنىڭ لېنتىسىنى تۈزەپ قويدى. لېنتىغا «خەلق قەھرىمانلىرى مەڭگۈ ھايات» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

  ئارقىدىن يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋۇ ماۋلىن، لىن لىجۇ، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، چياۋ گوجېن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارغا نۆۋەت بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، ئۈرۈمچى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىش - ئىزلىرى كۆرگەزمىخانىسىنى زىيارەت قىلدى. كۆرگەزمىخانىدا يۈ جېڭشېڭ قاتارلىق ئۆمەك ئەزالىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغان قىممەتلىك ماددىي بۇيۇملار، تارىخىي ماتېرىياللار ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ - ئارىلاپ تارىخىي تەپسىلاتلارنى سوراپ تۇردى.

  مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يەندۇڭ، ئەركىن ئىمىرباقى، جاڭ چىڭلى، ۋاڭ جېڭۋېي، جاۋ كېشى ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، لى ۋېي، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئامما ۋەكىلى مۇراسىمغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر