باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى بايرىمىدا پەقەت ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ھۆكۈمەت ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشتىكى سىمېنا ھەققىنىڭ قانداق ھېسابلايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى

ئىككى بايرامدا توققۇز كۈن قويۇپ بېرىلىدۇ، تۆت كۈن ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە ئادەتتىكى مائاشنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ

2015.09.25 18:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلقى تاۋۇز چاغىنىنىڭ ئاۋۋالقى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى پەقەت ئىككى كۈن دەم ئېلىشقا قۇيۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئاز قويۇپ بېرىلگەن بىر كۈن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قوشۇۋېتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسىمېنا ھەققىنى قانداق ھېسابلاش بىر مەسىلىگە ئايلانغان. بۇنىڭغا قارىتا، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنداق چۈشەنچە بەردى: 27-سېنتەبىر، 1-، 2-، 3- ئۆكتەبىر قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىسە ئادەتتىكى مائاشنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. ئىككى بايرامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەش كۈن دەم ئېلىشتا پىرىنسىپ بويىچە ئالدى بىلەن دەم ئېلىش كۈنى ئىشلەپ، باشقا كۈنى دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇنداق قىلغىلى بولمىسا، ئادەتتىكى مائاشنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە ئىسىمېنا مائاشى بېرىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ كونكرېت ئومۇملاشتۇرۇلۇشى تۆۋەندىكىچىكەن: تاۋۇز چاغىنىدا 27-سېنتەبىر دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دۆلەت بايرىمىدا 1-ئۆكتەبىردىن 7-ئۆكتەبىرگىچە يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ. 10-ئۆكتەبىر نورمال ئىشلەيدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى بايرىمىدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاز دەم ئالغان بىر كۈن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قوشۇپ بېرىلدى، لېكىن ئىسمېنا ھەققىنى ھېسابلاش پىرىنسىپى ئۆزگەرمىدى. دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئىككى بايرامدىكى توققۇز كۈن دەم ئېلىشنىڭ تۆت كۈنى يەنى 27-سېنتەبىر (يەكشەنبە)، 1-ئۆكتەبىر (پەيشەنبە)، 2-ئۆكتەبىر (جۈمە)، 3-ئۆكتەبىر(شەنبە) قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر