باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ليۇ يەندۇڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى2-تارماق ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ خوتەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىدىن ھال سورىدى

2015.09.28 09:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ليۇ يەندۇڭ 26- سېنتەبىر مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 2- تارماق ئۆمىكىنى باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىگە بېرىپ، خوتەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى، يېزا، كەنت، زاۋۇت قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنىدا، ليۇ يەندۇڭ مۇنداق دېدى: 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەر، تارماقلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، خوتەندە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، خوتەننىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى تەدرىجىي زورىيىپ، خەلقتۇرمۇشى ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، شەھەر- يېزا قىياپىتى كۈندىن- كۈنگە يېڭىلىنىپ، نامرات، قالاق چۆل - باياۋان خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان بەختلىك ماكانغا ئايلاندى. خوتەندىكى مىللەتلەر بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملەشتى، يېڭىچە سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى تۈرلۈك خىرىسلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ كۈچەيدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى، كۆزلەش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسى، شۇڭا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. خوتەننىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى تۇتۇپ، ھالقىما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ئۇزاق يىللىق ئۇلۇغ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى تۈزەپ، نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت تونۇشىنى ئاشۇرۇپ، ئىناق ئۆتىدىغان، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان، ئىتتىپاق- دوستانە بولغان، چەكسىز ئىللىقلىققا تولغان مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنى قۇردى.

  ليۇ يەندۇڭ خوتەن شەھىرى ئىتتىپاق يېڭى كەنتىدە، بۇ كەنتنىڭ كىرىشمە تەرەققىيات سىناق نۇقتىسىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسلىي ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا ياردەملەشكەنلىكى، پۇقرالار تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلانغانلىقىنى ماختىدى. ئۇ: مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىشى، پىكىرلىشىشى ۋە ئارىلىشىشى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، سىغدۇرۇش، زوقلىنىش، ئۆگىنىش، ياردەملىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئارا تايىنىپ، جانىجان دوستلاردىن، ئىناق قوشنىلاردىن بولۇش كېرەك.

  ليۇ يەندۇڭ خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى كالتەتۈگمەن كەنتىدە، شىنجاڭ قۇرۇلۇش ئىنستىتۇتى «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىكىلەردىن ھال سورىدى، كەنت دەرىجىلىك بازا قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم يېزا ئايالى ساھىبجامال ياسىن قۇرغان «ئەتلەس» قول ھۈنەرۋەنچىلىك ھەمكارلىق كوپېراتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى. ليۇ يەندۇڭ كۆپچىلىككە: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كۆپلىگەن سىياسەتلەرنى چىقاردى، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەميانىنى تېخىمۇ تومپايتىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن شىنجاڭ بىلەن تەڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بېيجىڭنىڭ قەلبى سىلەر بىلەن تۇتاش، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، تۇرمۇشىڭلار تېخىمۇ بەختىيار بولسۇن!

  ليۇ يەندۇڭ يەنە خوتەن «گوجىچۇ» يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە بېيىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ۋەكىللەر ئۆمىكى بارغانلا يېرىدە، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي كۆزدىن كەچۈرۈشتە، ھال سوراشتا ھەمراھ بولدى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر