باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>يۈ جېڭشېڭ

مەركىزىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تارماق ئۆمەكلىرى ھال سوراش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى

يۈ جېڭشېڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

2015.09.28 09:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يۈ جېڭشېڭ 25 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرىنى باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

  24 - سېنتەبىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى −− قۇربان ھېيت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بايرام شادلىقى ئەۋج ئېلىپ، بايراملىق ئىناق كەيپىيات شەكىللەندى. 25 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئەھۋالىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئوقۇغۇچىلاردىن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى ھەم ئۇلارنى توغرا ئېتىقاد ۋە ھەرىكەتتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا پائال رول ئويناشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى مەسچىتىدە يۈ جېڭشېڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى ھەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىدىن قۇربان ھېيتلىق ھال سورىدى ۋە سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئەزەلدىن كۆپ مىللەت، كۆپ دىن، كۆپ مەدەنىيەت بىللە ئىناق ئۆتىدىغان ئېسىل ئەنئەنە بار. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا دىن خىزمىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ئىشلىنىپ كەلدى، دىن ساھەسىدىكىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ئىناق ئۆتتى، دىن ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن دىنغا ئىشىنىدىغان ئامما دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇپ، دىنىي ئىشلارنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يولىدا ماڭدى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلاردىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى، ئېلىمىزنىڭ دىنىي ئىشلارنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دىنىي بىلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق بولۇشىنى ئاڭلىق قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  يۈ جېڭشېڭ ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك ئازادە پىكىر بايان قىلدى، يۈ جېڭشېڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ۋە ئارىلاپ سوئال سورىدى.

  يۈ جېڭشېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور ئىلگىرىلەش بولدى، بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ، مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن مەدەت بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى مائارىپ، مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقى، تۆھپە قوشۇپ يېڭىلىق ياراتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.يۈ جېڭشېڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، بار ئاماللار بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ئېلىپ قېلىش، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، شىنجاڭنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۇ شىنجاڭدىكى مائارىپ، مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىدىن مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئىنسان روھىنىڭ ياخشى ئىنژېنېرى بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەن، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە جەلپ قىلىش، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن بولۇش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تەلەپنى ئېيتىش، مۇناسىۋەتنى تەڭشەش، مەنپەئەتنى تەڭشەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرى بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قارار چىقىرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يەندۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ جېڭۋېي ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، ئەركىن تۇنىياز، جارۇللا ھېسامىدىن يوقلاش، ھال سوراش پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر